ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-21 10:59

شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى

جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى شىئەن خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېۋ، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروۋ، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوۋ، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيايېۋ بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى. 

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بايا مەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى بىلەن جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۈم. بىز جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ دوستانە ئالاقىلىشىش تارىخىنى ئەسلەپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى رەتلەپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، يېڭى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. 

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىز بىرلىكتە «جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى شىئەن خىتابنامىسى»نى ئىمزالاپ، باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجە تىزىملىكىنى ماقۇللاپ، جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈپ چىقتۇق.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ئالدىدا، بىز ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى ۋە پارلاق كەلگۈسىنى نەزەردە تۇتۇپ، قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا بەل باغلىدۇق.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىز بىر بىرىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، خەۋپسىزلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكى قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئەتكە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللايمىز، بىر بىرىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىمىز، ھەر قانداق كۈچنىڭ ھەر قانداق باھانە بىلەن ئىچكى ئىشلارغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى باشلىقلىرى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنىڭ دۇنيا تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز «بىر بەلباغ بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىقىنىڭ ئون يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا قاتناش كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيە تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى قوللايمىز، يۇقىرى يېڭى تېخنىكا ھەمكارلىقىغا ئىلھام بېرىپ، رايون ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز، چوڭقۇر، ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، يۈكسەك ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق يېڭى ئەندىزىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىمىز. بىز ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەنتەربىيە، ئارخېئولوگىيە، ساياھەت، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خەلقىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت يىلى ۋە جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا ياشلار سەنئەت بايرىمى پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزئارا مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خادىملار ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، ياشلارنىڭ ئالماشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، «مەدەنىيەت يىپەك يولى» پىلانىنى ئورتاق يولغا قويىمىز.

 شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ياش ئوقۇغۇچىلارنى داۋاملىق ھۆكۈمەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى نورمىسى بىلەن تەمىنلەپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا تېخىمۇ كۆپ لۇبەن ھۈنەرخانىسى، ئەنئەنىۋى تېببىي ئىلىم مەركىزى قۇرۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. 

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز بارلىق شەكىلدىكى تېررورىزم، بۆلگۈنچىلىك، ئەسەبىيلىك ھەمدە زەھەر ئەتكەسچىلىكى، دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەتلەرگە قەتئىي زەربە بېرىپ، جانلىقلار بىخەتەرلىكى، تور خەۋپسىزلىكى، جىددىي ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئافغانىستان خەلقىنىڭ خەۋپسىزلىك، مۇقىملىقنى قوغدىشىغا داۋاملىق ياردەم بېرىپ، تىنچ قايتا قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ توقۇنۇشتىن يىراق تۇرىدىغان، مەڭگۈ تىنچ بولغان ئوتتۇرا ئاسىيانى قۇرۇپ چىقىمىز. بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ باش مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، كۆپ تەرەپچىلىك، شۇنىڭدەك ھەممە ئېتىراپ قىلغان خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت مىزانىنى قەتئىي قوغداپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ، خەلقئارا تەرتىپ ۋە دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز. ھەرقايسى تەرەپلەر دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنيا مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى قوللايدۇ ھەم پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى خالايدۇ، بۇ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداش، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئىلگىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارايدۇ. 

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىز بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى باشلىقلىرى ئۇچرىشىش مېخانىزمىنى رەسمىي قۇرۇپ، ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم، نۆۋەت بىلەن جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئۆتكۈزىمىز. كېلەر قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى 2025-يىلى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بىز مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، جۇڭگودا دائىمىي كاتىبات باشقارمىسى تەسىس قىلىپ، قاتناش، ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە كەسىپ، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، تاموژنا، ئادىمىيەت قاتارلىقلارنى ئالدىنقى يۆنىلىش قىلىپ، ئالتە دۆلەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلاملىق ھەمكارلىقىنى پۇختا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقى ئۈچۈن ياخشى باشلىنىش بولدى. كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتى چوڭ پاراخوتى دولقۇن يېرىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئالتە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە يېڭى كۈچ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ قوشىدۇ. 

سەي چى، ۋاڭ يى، چىن گاڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى

شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى