ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ بۇ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-21 11:01

شى جىنپىڭ 32-نۆۋەتلىك ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار كېڭىشى يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 19-كۈنى ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار كېڭىشى يىغىنىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى سالمانغا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، 32-نۆۋەتلىك ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار كېڭىشى يىغىنىنىڭ جىددە شەھىرىدە ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. 

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەرەب دۇنياسىنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەت كۈچ چىقىرىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. مەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا داۋاملىق يېڭى قەدەم تاشلاپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. سەئۇدى ئەرەبىستانى كۆپ قۇتۇپلاشقان دۇنيادىكى مۇھىم كۈچ بولۇپ، ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا پائال تۆھپە قوشتى، مەن بۇنىڭغا ئاپىرىن ئېيتىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇق رىشتى مىڭ يىلدىن ھالقىپ، تارىختىن بۇيان مۇستەھكەملىنىپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. بۇلتۇر 12-ئايدا، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى باشلىقلار يىغىنى رىيادتا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلدى، جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى رەھبەرلىرى يېڭى دەۋرگە يۈزلەنگەن جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۆز مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىگە ياردەم بېرىپ، رايون تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشقا بىردەك قوشۇلدى، بۇ، جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرىنىڭ مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئابىدە. كەلگۈسىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، جۇڭگو ئەرەب ئەللىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى دوستلۇق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈشنى خالايدۇ.

تەرجىمان:ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ بۇ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

شى جىنپىڭ 32-نۆۋەتلىك ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار كېڭىشى يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى