شى جىنپىڭ مىلاتوۋىچنىڭ قارا تاغ زۇڭتۇڭى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى
شى جىنپىڭ تېلېگرامما يوللاپ مىلاتوۋىچنىڭ قارا تاغ زۇڭتۇڭى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ياكوۋ مىلاتوۋىچقا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ قارا تاغ زۇڭتۇڭى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو قارا تاغ بىلەن باشتىن-ئاخىر بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەپ، بىر-بىرىگە ئىشىنىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ كەلدى، ئىككى دۆلەت خەلقى بىر بىرىدىن زوقلىنىدۇ ۋە بىر بىرىنى ھۆرمەتلەيدۇ. مەن جۇڭگونىڭ قارا تاغ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ مىلاتوۋىچ بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ داۋاملىق راۋاجلىنىشىغا بىرلىكتە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت