شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى
شى جىنپىڭ «2023.جۇڭگو شىزاڭ تەرەققىيات مۇنبىرى»گە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 23-كۈنى «2023.جۇڭگو شىزاڭ تەرەققىيات مۇنبىرى»گە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلقنىڭ بەختى-ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق، تەرەققىيات-خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى. جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسى جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئىشلەپ، شىزاڭنى نەچچە مىڭ يىل قىيناپ كەلگەن كۆك نامراتلىق مەسىلىسىدىن تەلتۆكۈس قۇتۇلدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولغان گۈللىنىش مەنزىرىسىنى بارلىققا كەلتۈردى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە، شىزاڭنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىتتىپاق، باي-باياشات، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋى يېڭى شىزاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىپ، خەلقنى تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
«2023.جۇڭگو شىزاڭ تەرەققىيات مۇنبىرى»نى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى بىلەن شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، «يېڭى دەۋر، يېڭى شىزاڭ، يېڭى مۇساپە-شىزاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسى» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، 5-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا