ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاۋمېن پەن-تېخنىكا داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىغا جاۋاب خەت يېزىپ ئىلھاملاندۇرغانلىقى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-29 09:57

رەئىس شى جىنپىڭ «ئاۋمېن ئىلىم-پەن 1-نومۇر» ناملىق سۈنئىي ھەمراھنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا قاتناشقان ئاۋمېن پەن-تېخنىكا داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىگە جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى سەمىمىي ئىلھاملاندۇردى، بۇ ئاۋمېن پەن-تېخنىكا داشۆسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ۋەتەننى، ئاۋمېننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىگە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە پائال يۇغۇرۇلۇپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»نىڭ ئاۋمېندا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

«ئاۋمېن ئىلىم-پەن 1-نومۇر» ناملىق سۈنئىي ھەمراھ ئىچكى جايلار بىلەن ئاۋمېن ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان تۇنجى بوشلۇق ئىلىم-پەن سۈنىي ھەمراھى بولۇپ، 5-ئاينىڭ 21-كۈنى جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى. سۈنئىي ھەمراھ تەتقىق قىلىپ ياساشقا قاتناشقان ئاۋمېن پەن تېخنىكا داشۆسىنىڭ 18 ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچى ۋەكىلى رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، سۈنئىي ھەمراھنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىك خۇش خەۋىرى ۋە سۈنئىي ھەمراھ تەتقىق قىلىپ ياساش خىزمىتىگە قاتنىشىش تەسىراتىنى دوكلات قىلىپ، ۋەتەننىڭ پەن تەتقىقات قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىش ئارزۇسى ۋە ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

بۇ تۈرگە قاتناشقان 90-يىللاردا تۇغۇلغان پەن تەتقىقات كۈچى، ئاۋمېن پەن-تېخنىكا داشۆسى بوشلۇق ئىلمى تەتقىقاتخانىسىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى يى سىچى مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. «ئاۋمېن ئىلىم-پەن 1-نومۇر»نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىشى دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدىن بولدى، بىزگە ئوخشاش ئاۋمېندىكى پەن-تەتقىقات خىزمەتچىلىرى دۆلەتنىڭ زور تۈرلىرىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. كەلگۈسىدە مەنمۇ «ئاۋمېن ئىلىم-پەن 1-نومۇر»نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن پايدىلىنىپ يەنىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، دۆلەتنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشىمەن.

رەئىس شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: خەتتىكى قۇرلاردىن سىلەرنىڭ دۆلەتنىڭ پەن ـ تېخنىكا ئىشلىرى ۋە ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىش قىزغىنلىقىڭلار ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىڭلارنى ھېس قىلدىم. سىلەر تەتقىق قىلىپ ياساشقا قاتناشقان «ئاۋمېن ئىلىم-پەن 1-نومۇر» ناملىق سۈنئىي ھەمراھنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ خۇشال بولدۇم، سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!. ئاۋمېن پەن-تېخنىكا داشۆسى «ئاۋمېن ئىلىم-پەن 1-نومۇر» ناملىق سۈنئىي ھەمراھ تۈرىنىڭ باش ئالىمى جاڭ كېكې مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، ئاۋمېن پەن-تېخنىكا داشۆسىنىڭ بوشلۇق پەن خىزمەتچىلىرى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان دۆلەتنىڭ كۆپ تۈرلۈك ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىگە قاتناشتى. بۇ تەتقىقات جەريانىدا، بىز ناھايىتى ياخشى ئىلمىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، بىر قاتار مۇھىم ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلدۇق.

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاۋمېن ئىچكى جايلار بىلەن ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. دۇنيادا پەن-تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاۋمېندىكى ئالىي مەكتەپلەر، ئاۋمېندىكى پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئىگە قىلىندى. ئاۋمېن پەن ـ تېخنىكا داشۆسى ئاي شارى ۋە سەييارە ئىلمى دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچىسى يىن لياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مېنىڭ «ئاۋمېن ئىلىم-پەن 1ـ نومۇر»غا ئوخشاش چوڭ دۆلەت دەرىجىلىك تۈرگە تۇنجى قېتىم قاتنىشىشىم، بۇنىڭدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلدىم ۋە پەخىرلەندىم. جۇڭگونىڭ ئىلىم-پەن خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن بۇ تۈردە ئۆز رولۇمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو يەر ماگنىت ئىلىمىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمەن.

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سىلەرنىڭ ۋەتەننى، ئاۋمېننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىگە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە پائال يۇغۇرۇلۇپ، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئاۋمېن ئىقتىسادىنىڭ مۇۋاپىق كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ ئاۋمېندا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاۋمېن پەن-تېخنىكا داشۆسىنىڭ مۇدىرى لى شىڭۋېي مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلدۇق ھەم ناھايىتى ئىلھاملاندۇق، بۇ بىزنىڭ يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان دۆلەتنىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىغا يۇغۇرۇلۇپ، ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىزنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك، شۇنداقلا بىزنىڭ كېيىنكى خىزمىتىمىزگە ناھايىتى زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلغانلىق.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاۋمېن پەن-تېخنىكا داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىغا جاۋاب خەت يېزىپ ئىلھاملاندۇرغانلىقى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

رەئىس شى جىنپىڭ «ئاۋمېن ئىلىم-پەن 1-نومۇر» ناملىق سۈنئىي ھەمراھنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا قاتناشقان ئاۋمېن پەن-تېخنىكا داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىگە جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى سەمىمىي ئىلھاملاندۇردى،