ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ تېلېگرامما يوللاپ، ئەردوئاننى تەبرىكلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-30 15:42

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 29-كۈنى رەجەپ تايىپ ئەردوئانغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا يەنە بىر قېتىم سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى. 

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن تۈركىيە ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر ۋە گۈللەنمە بازار دۆلەتلەر بولۇپ، كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە تەرەققىيات ۋەزىيىتى ساقلىنىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقتا پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلدى. مەن جۇڭگو-تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئەردوئان بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، بىر-بىرىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا قوللاپ، جۇڭگو-تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有