ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-01 13:15

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى 11-سانىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى. 

ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش» دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى. بۇ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىش بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن، تۈپ جەھەتتىن باشقۇرۇش دېگەنلىك. پارتىيە رەھبەرلىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ يۆنىلىشى، ئىستىقبالى، تەقدىرى، ئاخىرقى ھېسابتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. 

ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە رەھبەرلىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ خاراكتېرىنى بەلگىلەيدۇ. پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، باش مەقسىتى، ئەسلىي مەقسىتى، ئېتىقادى، سىياسىي تەشەببۇسى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ باشقا زامانىۋىلاشتۇرۇش بولماستىن، بەلكى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى بەلگىلىدى. پارتىيەمىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى باشتىن-ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ توغرا يولدا ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. پارتىيەمىز ماركسىزمنى تۈپ يېتەكچى ئىدىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلمىي يېتەكچى بىلەن تەمىن ئەتتى. پارتىيەمىز جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلدى. پارتىيەمىز جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچكە ئىگە قىلدى. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرغاندىلا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىستىقبالى پارلاق بولىدۇ، گۈللەپ ياشنايدۇ؛ ئۇنداق بولمايدىكەن، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يۆنىلىشتىن چەتنەپ كېتىدۇ، روھىنى يوقىتىدۇ، ھەتتا ئاغدۇرمىچىلىق خاراكتېرلىك خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە رەھبەرلىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش كۈرەش نىشانىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملالىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. پارتىيەمىز باشتىن-ئاخىر ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەپ، ئۇلۇغۋار غايە بىلەن باسقۇچلۇق نىشاننى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، داۋاملىق جاپاغا چىداپ بوشاشماي كۈرەش قىلدى. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، بىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش كۈرەش نىشانىمىز تەرتىپ بويىچە تەدرىجىي ئىلگىرىلىدى، ئىزچىل داۋاملاشتى ھەمدە ئەمەلىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز بېيىدى، مۇكەممەللەشتى. پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا دۆلىتىمىزنىڭ 2035-يىلىغىچە بولغان تەرەققىياتىنىڭ نىشان-تەلەپلىرى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ بېرىلدى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ ئىزچىل كۈرەش نىشانى بولۇپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كۈچ ئۇلاپ ئىلگىرى سۈرۈلدى ھەمدە پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككۈدەك، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرغۇدەك شانلىق نەتىجىلەر ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈلدى. 

ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە رەھبەرلىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتتى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ھازىرقى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر، شۇنداقلا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، پارتىيەمىز ھەرقايسى ساھەلەردىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئۈزۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ھازىرقى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان تۈزۈلمە، مېخانىزمنى شەكىللەندۈردى ۋە راۋاجلاندۇردى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز غايەت زور سىياسىي جاسارەت بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى قاراش ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، مەنپەئەت مۇقىملىشىپ قېلىش توسىقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تۈزۈلمە-مېخانىزمدىكى ئىللەتلەرنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئىسلاھاتتا قىسمەن ئىزدىنىش، مۇز يېرىپ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈشتىن سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئۆتۈپ، نۇرغۇن ساھەلەردە تارىخىي ئۆزگىرىش، سىستېمىلىق قايتا بەرپا قىلىش، ئومۇميۈزلۈك قايتا بەرپا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈگىمەس پۈتمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى ئاتا قىلدى.

ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە رەھبەرلىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى. پارتىيەمىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ خەلقنىڭ ئۆز ئىشى ئىكەنلىكىنى، خەلقنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ئىكەنلىكىنى، خەلققە يېقىندىن تايىنىپ، خەلقنىڭ ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، خەلقنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملىگەندىلا، ئاندىن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى. بىز پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تىرىشىپ خەلق ئاممىسىنىڭ چىن ھىمايىسىگە ئېرىشتۈردۇق. بىز خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىشتا، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈردۇق. پارتىيەمىز پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى، ئىجتىمائىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە تۈرلۈك يول ۋە شەكىللەر ئارقىلىق باشقۇرۇشىغا، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا خوجايىنلىق روھى ۋە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئاتلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. پارتىيەمىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش گۈزەل ئارزۇسى بىلەن كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇپ، رىغبەتلەندۈرۈپ، تەسىرلەندۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى