ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-09-16 10:53

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خوڭ مانەي بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش ۋەزىر خوڭ مانەينىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن جۇڭگونى تۇنجى بولۇپ ئىككى تەرەپلىك زىيارەتتە بولىدىغان دۆلەت قىلىپ تاللىشى كامبودژا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو كامبودژا دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو بىلەن كامبودژا قەدىناس دوستلار. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 65 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن-ئاخىر يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزئارا ئىشىنىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىپ، قارشى تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى باشتىن-ئاخىر قەتئىي قوللىدى، بۇ جۇڭگو-كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى. بۇ يىل ئىككى تەرەپ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك، يۇقىرى ئۆلچەملىك جۇڭگو-كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى. جۇڭگو كامبودژا بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو-كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئۈلگىسىنى يارىتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كامبودژانىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، كامبودژا بىلەن دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى ساقلاپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ھۆكۈمەتلەر ئارا ماسلاشتۇرۇش كومىتېتى مېخانىزمىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى نۇسخىدىكى جۇڭگو-كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ھەرىكەت پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-كامبودژا «ئالماس ئالتە تەرەپ» ھەمكارلىق رامكىسىنى پۇختىلاپ، «سانائەت تەرەققىيات كارىدورى» ۋە «ئاشلىق ۋە قوشۇمچە يېمەكلىك كارىدورى»نى تەڭ قۇرۇپ، ئالاقىدار نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ بالدۇرراق ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو كامبودژا بىلەن دائىملىق قانۇن ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، توردا قىمار ئويناش، تېلېگراف ئالدامچىلىقى قاتارلىق چېگرا ھالقىغان جىنايەتلەرگە داۋاملىق زەربە بېرىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ «جۇڭگو كامبودژا دوستلۇق يىلى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى داۋاملىق ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ياشلار، يەرلىك، مائارىپ، ساياھەت، داۋالاش-سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو كامبودژا دوستلۇقى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو باشتىن-ئاخىر كامبودژانىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك دوستى، ئەڭ مۇستەھكەم تايانچىسى. جۇڭگو كامبودژا بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ قول تۇتۇشۇپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يوللۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.

خوڭ مانەي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مېنىڭ جۇڭگونى تۇنجى رەسمىي زىيارەتتە بولىدىغان دۆلەت قىلىپ تاللىشىم كامبودژا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان دوستلۇق سىياسىتىنى داۋاملىق قەتئىي يولغا قويىدىغانلىقىنى نامايەن قىلىپ، كامبودژا بىلەن جۇڭگونىڭ قەدىناس دوستلۇقىنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈندۇر. كامبودژا بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنيا مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى قوللايدۇ. كامبودژا جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان كامبودژانىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئالماس ئالتە تەرەپ» رامكىسى ئىچىدە ئىككى دۆلەتنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، مەبلەغ سېلىش، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كامبودژا-جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. كامبودژا جۇڭگو بىلەن رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردا زىچ ماسلىشىپ، كامبودژا جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خوڭ مانەي بىلەن كۆرۈشتى.