«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى
«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرەيلى» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى
«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى 18-سانىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرەيلى» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: مائارىپ گۈللەنسە، دۆلەت گۈللىنىدۇ، مائارىپ كۈچەيسە، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك باشلامچى، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىشتىكى مۇھىم تىرەك، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك يول، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۇللۇق قۇرۇلۇش.
ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مائارىپ، پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ئايرىم-ئايرىم ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش سىگنالى چېلىندى. بىز قۇرماقچى بولغان مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى بولۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى تۈپ كاپالەت، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى تۈپ ۋەزىپە، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى تۈپ نىشان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇلازىمەت قىلىشنى مۇھىم بۇرچ، مائارىپ ئىدىيەسى، سىستېمىسى، تۈزۈمى، مەزمۇنى، ئۇسۇلى، ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي يول قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تىرەك بولۇش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشنى يادرولۇق ئىقتىدار قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاخىرقى ھېسابتا خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇش شەرت.
ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزگىرىشكە كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، مائارىپنىڭ كۈچى ئارقىلىق خەلق بەختىنىڭ ئاساسىنى، مائارىپنى كۈچەيتىش ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك. بىرىنچى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. ئۈچىنچى، مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا مائارىپنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. بەشىنچى، ئېلىمىز مائارىپىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئالتىنچى، يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.
ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى. پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتكوملار بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان، تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان مائارىپ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىش كېرەك.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل