ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-11-17 14:29

جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ سان فىرانسىسكو ئۇچرىشىشى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە 

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ئامېرىكىنىڭ سان فىرانسىسكو شەھىرىدىكى فىلولى قورۇقىدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى. ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى تەكلىپكە بىنائەن تاراتقۇلارغا ئۇچرىشىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تونۇشتۇردى. 

ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ بايدىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئامېرىكىغا بېرىپ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سان فىرانسىسكو ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تەكلىپكە بىنائەن ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. بايا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى فىلولى قورۇقىدىكى ئۇچرىشىشتا ناھايىتى ياخشى، ناھايىتى ئەتراپلىق ھەم چوڭقۇر سۆھبەتلەشتى. ئۇچرىشىشنىڭ مۇنداق ئۈچ ئالاھىدىلىكى بار:

بىرىنچى، ئىستراتېگىيەلىكلىكى. زۇڭتۇڭ بايدىن رەئىس شى جىنپىڭغا بۇ قېتىمقى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنى مەزگىلىدىكى ئىككى تەرەپ كۆرۈشۈش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئوخشىمايدىغان ئايرىم ئىككى تەرەپ باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈش تەكلىپى بەردى. ئامېرىكا مۇنۇلارنى ئالاھىدە بىلدۈردى: بۇ بىر مەيدان جۇڭگو-ئامېرىكا «باشلىقلار يىغىنى». شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مەيلى ئۇچرىشىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى ياكى ئۇچرىشىشنىڭ مۇھىملىقىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ بىر قېتىملىق ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە باشلىقلار يىغىنى بولدى. 

ئىككىنچى، تارىخىي خاراكتېرلىكى. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرۇۋاتقان چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە ئۆتكۈزۈلدى. خەلقئارا جەمئىيەت مۇقىم بولغان جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك موھتاج. رەئىس شى جىنپىڭ ئالتە يىلدىن كېيىن ئامېرىكىدا يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولدى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىر يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم يۈز تۇرانە ئۇچراشتى، بۇ جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى دىپلوماتىيە تارىخىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە دەۋر قىممىتىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ بايدىننىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئالاقىسىنى داۋاملاشتۇردى، بۇ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى ئابىدە، ھازىرقى خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى چوڭ ئىش بولۇپ قالىدۇ. 

ئۈچىنچى، يېتەكلەش خاراكتېرلىكى. ئۇچرىشىش تۆت سائەت داۋاملاشتى، پۈتۈن جەريان تەرجىمىلىك ئېلىپ بېرىلدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يۈز تۇرانە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىر-بىرىگە نىسبەتەن توغرا تونۇش تۇرغۇزۇش، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق تىزگىنلەش، سۆزلىشىش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەر ھەققىدە يېتەكچى پىكىرلەرنى بېرىپ، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى، ئۇكرائىنا كىرىزىسى ھەمدە كىلىمات ئۆزگىرىشى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە ھەر تەرەپلىمە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ توغرا چىقىشىپ ئۆتۈش يولى ئۈستىدە يەنىمۇ ئىزدىنىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئورتاق زىممىسىگە ئالغان چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن «سان فىرانسىسكو ئارزۇسى»نى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى ۋە پىلان تۈزۈپ بەردى. 

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش كەيپىياتىدا جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك، ئومۇمىيلىق، يۆنىلىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەر، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ياخشىلاشتىكى نوپۇزلۇق مەيدانىنى ئومۇميۈزلۈك بايان قىلدى: بىرىنچى، توغرا تارىخىي تاللاش چىقىرىش، ئىككىنچى، توغرا چىقىشىپ ئۆتۈش يولىنى تېپىش، ئۈچىنچى، سان فىرانسىسكو مەنزىلىنى ئېچىش. 

بۇ قېتىمقى جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىدا كۆپ تەرەپلىمە نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە باراۋەر، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا، ھەر قايسى ساھەلەردىكى سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سىياسىي دىپلوماتىيە، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش، ھەربىي خەۋپسىزلىك قاتارلىق ساھەلەردە 20 نەچچە تۈرلۈك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. بۇ مۇھىم ئورتاق تونۇش ۋە نەتىجىلەر جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بەردى، شۇنداقلا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكىنى، سۆزلىشىش، ھەمكارلىشىشنىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ بىردىنبىر توغرا تاللىشى ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ئىسپاتلىدى.

بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئىككى تەرەپ نۇرغۇن ئىختىلاپ ۋە سەزگۈر مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگونىڭ جەزمەن قوغدايدىغان ھەققانىي مەنپەئەتى، پىرىنسىپال مەيدانى، شۇنداقلا جەزمەن چىڭ ساقلايدىغان  قىزىل سىزىق تۆۋەن چېكى بار. ئەگەر ئامېرىكا رىقابەتنى باھانە قىلىپ، جۇڭگونى قورشىسا ۋە باسسا، جۇڭگو ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ. 

تەيۋەن مەسىلىسى باشتىن-ئاخىر جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ سەزگۈر مەسىلە. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ پىرىنسىپال مەيدانىنى تەپسىلىي بايان قىلدى. جۇڭگو ئامېرىكىدىن بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قارشى تۇرۇپ، تەيۋەننى قوراللاندۇرۇشنى، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىپ، جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى قوللاشنى تەلەپ قىلىدۇ.

رەئىس شى جىنپىڭ يەنە ئىقتىساد-سودا، پەن- تېخنىكا مەسىلىسى توغرىسىدا جۇڭگونىڭ مەيدانىنى ئىپادىلىدى.

سان فىرانسىسكو ئۇچرىشىشى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، گۇماننى تۈگىتىپ، ئىختىلاپنى تىزگىنلەپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىدىغان بىر قېتىملىق مۇھىم ئۇچرىشىش، شۇنداقلا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان دۇنياغا ئېنىقلىق ئاتا قىلىدىغان، مۇقىملىقنى ئاشۇرىدىغان بىر قېتىملىق مۇھىم ئۇچرىشىش. ئىككى تەرەپ سان فرانسىسكودىن يەنە يولغا چىقىپ، يېڭى مەنزىل ئېچىپ، جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇلىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ تۈۋرۈكىنى بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. 

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە

جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ سان فىرانسىسكو ئۇچرىشىشى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە