ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ ئوت ئاپىتى ۋەقەسى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-11-17 14:30

شى جىنپىڭ سەنشى ئۆلكىسى لۈلياڭ شەھىرى يۇڭجۈ كۆمۈر كېنىنىڭ بىر خىزمەت بىناسىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ۋەقەسى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش، نۇقتىلىق كەسىپ ۋە ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداشنى تەلەپ قىلدى، لى چياڭ سەنشى ئۆلكىسى لۈلياڭ شەھىرى يۇڭجۈ كۆمۈر كېنىنىڭ بىر خىزمەت بىناسىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ۋەقەسى توغرىسىدا تەستىق سالدى

سەنشى ئۆلكىسى لۈلياڭ شەھىرى يۇڭجۈ كۆمۈر كېنىنىڭ بىر خىزمەت بىناسىدا 11-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 7دە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى. ھازىرغىچە ۋەقەدە 26 ئادەم قازا قىلدى، 38 ئادەم يارىلاندى.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. چەت ئەلدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دەرھال مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دېدى: سەنشى ئۆلكىسىنىڭ لۈلياڭ شەھىرى يۇڭجۈ كۆمۈر كېنىنىڭ بىر خىزمەت بىناسىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئېغىر تالاپەت كۆرۈلدى، بۇ بىر چوڭقۇر ساۋاق! يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ ۋە داۋالاپ، تالاپەتكە ئۇچرىغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە تەسەللى بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، سەۋەبىنى تېزدىن ئېنىقلاپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. 

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتى ھادىسىسىدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، قىش پەسلىدە ئوت ئاپىتى ھادىسىسى ئاسان، كۆپ يۈز بېرىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، بىرنى كۆپكە تەتبىقلاپ، نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلارنى ئىزدەشنى چىڭ تۇتۇپ، يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ، تالاپەتنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشنى، ئالاقىدار كىيىنكى ئىشلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى تېزدىن ئېنىقلاپ، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بىرنى كۆپكە تەتبىقلاپ، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەردىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خەۋپ-خەتىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، زىچ ئالدىنى ئېلىپ، زور، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، گوۋۇيۈەننىڭ مەسئۇل رەھبىرى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىنى باشلاپ نەق مەيدانغا بېرىپ، ھادىسىدىن قۇتقۇزۇش ۋە جىددىي ئەھۋالنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى. سەنشى ئۆلكىسى، لۈلياڭ شەھىرى كۈچ تەشكىللەپ قۇتقۇزۇش ۋە كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىدى. ھازىر داۋالاش، قۇتقۇزۇش، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر ئىشلىنىۋاتىدۇ.

تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ ئوت ئاپىتى ۋەقەسى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

شى جىنپىڭ سەنشى ئۆلكىسى لۈلياڭ شەھىرى يۇڭجۈ كۆمۈر كېنىنىڭ بىر خىزمەت بىناسىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ۋەقەسى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ،