ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جاۋ لېجى بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى كېڭىشىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-28 10:02

 مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى خەينەننىڭ بوئاۋدا بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى كېڭىشى، بىر قىسىم مەسلىھەتچىلىك كومىتېتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىللىق مۇنبەر يىغىنىدا، «ئاسىيا ۋە دۇنيا: ئورتاق خىرىس، ئورتاق مەسئۇلىيەت» باش تېما قىلىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇلدى، بۇ، ناھايىتى كۈچلۈك رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. بۈگۈنكى دۇنيادا، كۆپ خىل خىرىس ۋە كىرىزىس گىرەلىشىپ كەتتى، قىيىنچىلىق قانچە ئېغىر بولغانسېرى، ئورتاق تونۇشنى شۇنچە مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى شۇنچە كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو ئۆزىنىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ، مەن مۇنبەرنىڭ مەۋقەنى ئاسىياغا قارىتىپ، دۇنياغا يۈزلىنىپ، توغرىلىرىدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆزگىچە، ئوچۇق-سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مۇنبەرنىڭ كېڭەش باشلىقى بان كېمون قاتارلىق يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى ۋە بىر قاتار دۇنياۋى تەشەببۇسلارغا يۈكسەك باھا بېرىپ، مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەرجىمان: ئابدۇللا 


中央广播电视总台 央广网 版权所有

جاۋ لېجى بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى كېڭىشىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى خەينەننىڭ بوئاۋدا بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى كېڭىشى، بىر قىسىم مەسلىھەتچىلىك كومىتېتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق،