جاۋ لېجى جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك كارخانىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 27-مارت چۈشتىن كېيىن خەينەننىڭ بوئاۋدا جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك كارخانىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.
جاۋ لېجى يىغىنغا قاتناشقان كارخانىچىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەرقايسى كارخانىچىلارنىڭ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا پائال قاتناشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار، كەسىپ سىستېمىسى، ئىختىساسلىقلار ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكىگە، روشەن تۈزۈم ئەۋزەللىكىگە ئىگە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتەك ئاساسىي تەرىپى ئۆزگەرگىنى يوق. جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، تۈرلۈك شەكىلدىكى بىر تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرىدۇ، ئۆز تەرەققىياتىنى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىدىغان بىر قاتار يېڭى تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ھەمكارلىق ھەمراھلىرىنى سەمىمىي قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن-تۈزۈم قاتلىمىدىن جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولىدۇ.
كارخانىچىلار ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ۋە ئەركىن سودىنى قوللايدىغانلىقىنى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى، بازارنى پائال كېڭەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەرجىمان: ئىمىنجان