ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جاۋ لېجى بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2024-يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە باش مەقسەتتە نۇتۇق سۆزلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-29 14:19

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى  28-مارت خەينەننىڭ بوئاۋدا بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2024-يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە «ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، خىرىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتايلى» دېگەن تېمىدا باش مەقسەتتە نۇتۇق سۆزلىدى. قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف، ناۋرۇ زۇڭتۇڭى ئادېئاڭ، سىرىلانكا زۇڭلىسى گۇنناۋاردانا، دومىنىكا زۇڭلىسى سىكېررىت، كامبودژا پادىشاھ مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىنىڭ رەئىسى خۇڭسېن، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ئوۋېرچۇك، دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى دېڭ خۇڭسېن، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى كولمان، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى گاۋ جىنخۇڭ، مۇنبەرنىڭ كېڭەش باشلىقى بان كىمون قاتارلىق 60 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 1500 دىن ئارتۇق سىياسىي ساھە، سودا سانائەت ساھەسى ۋە ئاقىللار ئامبىرى ئالىملىرى ۋەكىلى قاتناشتى.
جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈنكى دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش تېزلىشىپ، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى. جۇڭگو «ئىنسانىيەت نەگە بارىدۇ» دېگەن دەۋر سوئالىغا ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى قول تۇتۇشۇپ بەرپا قىلىش كېرەك، دەپ جاۋاب بەردى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا ھەر بىر مىللەت، ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى زىچ باغلانغان بولۇپ، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈپ، تىرىشىپ بىز تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بۇ سەييارىنى ئىناق چوڭ ئائىلە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
جاۋ لېجى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ ئاسىيا تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. ئاسىيانىڭ خەۋپسىزلىكىنى بىرلىكتە قوغدىغۇچىلاردىن بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن ئاكتىپ كۈچ قوشۇشىشىمىز؛ ئاسىيانىڭ تەرەققىياتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى غايەت زور پۇرسەت بىلەن تەمىنلىشىمىز؛ ئاسىيا ھەمكارلىقىنى بىرلىكتە ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇپ، دۇنيانىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقى ئۈچۈن كەڭ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىشىمىز؛ ئاسىيانى ئېچىۋېتىشكە بىرلىكتە تۈرتكە بولغۇچىلاردىن بولۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز؛ ئاسىيا مەدەنىيلىكىنى بىرلىكتە ئەۋج ئالدۇرغۇچىلاردىن بولۇپ، دۇنيا مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا پۈتمەس-تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.
يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەر رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ كۆپ ئىشەنچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايمىز. 
 تەرجىمان: ئىمىنجان

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جاۋ لېجى بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2024-يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە باش مەقسەتتە نۇتۇق سۆزلىدى

جاۋ لېجى بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2024-يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە باش مەقسەتتە نۇتۇق سۆزلىدى