ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى چياڭ 135-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرى يەرمەنكىسىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەر ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-18 10:12

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 18-ئاپرېل گۇاڭجۇدا 135-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرى يەرمەنكىسىگە قاتناشقان چېگرا سىرتىدىكى سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەر ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىنتېر، ئىكېئا قاتارلىق چېگرا سىرتىدىكى 10 نەچچە كارخانىنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەتكە قاتناشتى.

چېگرا سىرتىدىكى سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى ۋەكىللىرى گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش تەسىراتىنى تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا تولۇق ئىشەنچىنىڭ بارلىقىنى، گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنى سۇپا قىلىپ، جۇڭگودىكى تىجارىتىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئەركىن سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيا تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لى چياڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، كۆپچىلىكنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىگە پائال قاتنىشىپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرغانلىقىنى ماختىدى. لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چېگرا سىرتىدىكى نۇرغۇن كارخانىلار جۇڭگو بىلەن گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى ئارقىلىق ئالاقە قىلدى ھەمدە جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۆسۈپ يېتىلدى ۋە زورايدى. گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ تارىخى ھەر قايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش تارىخى، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، خەلقئارا بازارغا پائال سىڭىشىپ كىرگەنلىكىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. كەلگۈسىگە يۈزلەنگىنىمىزدە، جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز تەرەققىياتىنىڭ ئېنىقلىقى ئارقىلىق دۇنيا سودىسى، دۇنيا ئىقتىسادىغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ئاتا قىلىدۇ، شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ.

لى چياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۇزاقتىن بۇيان، چېگرا سىرتىدىكى كارخانىلار جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگو ياسىمىچىلىقى بىلەن چەت ئەل بازىرىنى تۇتاشتۇرۇش، دۇنيانىڭ تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگو بازىرىغا داۋاملىق چوڭقۇر چۆكۈپ، جۇڭگودىكى كەسپىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگونىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئېھتىياجى ۋە ئېچىۋېتىش تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تېخىمۇ ياخشى بەھرىمەن بولۇپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى دوستلۇق ئەلچىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو بازار ئىجازىتىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ پۇقراۋى مۇئامىلىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇلازىمەت كاپالىتى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگودىكى چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداپ، خەلقئارا سودا خادىملىرىنىڭ بېرىش-كېلىشى، چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭگودا خىزمەت قىلىشى، تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە تېخىمۇ كۆپ مەدەت بېرىدۇ ۋە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

ۋۇ جېڭلوڭ سۆھبەتكە قاتناشتى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى چياڭ 135-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرى يەرمەنكىسىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەر ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 18-ئاپرېل گۇاڭجۇدا 135-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرى يەرمەنكىسىگە قاتناشقان چېگرا سىرتىدىكى سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەر ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىنتېر، ئىكېئا قاتارلىق چېگرا سىرتىدىكى 10 نەچچە كارخانىنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەتكە قاتناشتى.