ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەن جېڭ ئامېرىكا سان فىرانسىسكو شەھىرىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-19 09:10

    دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 18-ئاپرېل بېيجىڭدا ئامېرىكا سان فىرانسىسكو شەھىرىنىڭ باشلىقى برىد بىلەن كۆرۈشتى.

    خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ بايدىن بىلەن بۇلتۇر 11-ئايدا سان فىرانسىسكودا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۇچرىشىپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن «سان فىرانسىسكو ئارزۇسى»نى ئېچىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ھاياتىي كۈچى يەرلىكتە. سان فرانسىسكونىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى چوڭقۇر بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان كالىفورنىيە ئىشتاتى ۋە ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقىلىشىشىدىكى «بىرىنچى سەپ» بولۇپ كەلگەن. شەھەر باشلىقى برىدنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا، پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى ھەمكارلىقىنىڭ يارقىن نۇقتىسىنى يارىتىپ، خادىملار ئالاقىسى ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇق ھېسسىياتىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    برىد مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى زىيارەت ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ سان فىرانسىسكو ئۇچرىشىشىدىكى مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەرلىك ئالاقە، ئەلئارا ئالاقە ئارقىلىق ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. سان فىرانسىسكو جۇڭگو بىلەن بولغان خادىملار ئالاقىلىشىشى ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە داۋاملىق كۈچ چىقىرىدۇ، ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىدا ئاكتىپ رول ئويناشنى خالايدۇ.

    تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن

    سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەن جېڭ ئامېرىكا سان فىرانسىسكو شەھىرىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ بايدىن بىلەن بۇلتۇر 11-ئايدا سان فىرانسىسكودا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۇچرىشىپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن «سان فىرانسىسكو ئارزۇسى»نى ئېچىپ،