ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جاۋ لېجى مېكسىكا كېڭەش پالاتاسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ۋىدېئولۇق سۆز قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-25 10:18

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى مېكسىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى رىۋېرانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، مېكسىكىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 23-ئاپرېل مېكسىكا كېڭەش پالاتاسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ۋىدېئولۇق سۆز قىلدى. جاۋ لېجى سۆزىدە جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن مېكسىكا كېڭەش پالاتاسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن مېكسىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 نەچچە يىلدىن بۇيان، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. بۇلتۇر 11-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ لوپېز بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزدى. جۇڭگو مېكسىكا بىلەن بىرلىكتە ئىستراتېگىيەنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، جۇڭگو بىلەن مېكسىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىشنى خالايدۇ.

جاۋ لېجى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مېكسىكا فېدېراتسىيە پارلامېنتى بىلەن ئىزچىل دوستانە ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى، 2010-يىلىدىن باشلاپ بەش نۆۋەت جۇڭگو-مېكسىكا قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ سۆزلىشىش مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى. ئىككى دۆلەت قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ كۆپ قاتلام، كۆپ ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى قانۇن جەھەتتىن قوللاپ، جۇڭگو-مېكسىكا دوستلۇقىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مېكسىكىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى رايونى ۋە دۇنيادا مۇھىم تەسىر كۈچى بار. جۇڭگو مېكسىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-مېكسىكا، جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ئۇزاققىچە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جاۋ لېجى مېكسىكا كېڭەش پالاتاسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ۋىدېئولۇق سۆز قىلدى

جاۋ لېجى مېكسىكا كېڭەش پالاتاسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ۋىدېئولۇق سۆز قىلدى