ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋاڭ خۇنىڭ قازاقىستان پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-25 10:19

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 24-ئاپرېل بېيجىڭدا قازاقىستان پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىنىڭ باشلىقى كوشانوف بىلەن كۆرۈشتى.

ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ توقايېفنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، ئىككى دۆلەت «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەڭ قۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تېخىمۇ زىچ جۇڭگو ـ قازاقىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلدى. جۇڭگو قازاقىستان بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، بىر-بىرىنى قەتىي قوللاپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنىڭ دوستلۇقىنى چوڭقۇلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى بۇنىڭ ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

كوشانوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئۇزاق تارىخقا، پارلاق مەدەنىيلىككە ئىگە. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، قازاقىستان-جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەيمەن. قازاقىستان جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ئىشلىرىنى قەتئىي قوللايدۇ. قازاقىستان پارلامېنتى قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق ئارىسىدىكى دوستلۇق ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدۇ.

شى تەيفېڭ، خۇ چۈنخۇا، ۋاڭ دۇڭفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ۋاڭ خۇنىڭ قازاقىستان پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

ۋاڭ خۇنىڭ قازاقىستان پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى