ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى چياڭ گۇيجۇدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-25 10:38

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 24-ئاپرېل گۇيجۇدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، قىلچە بوشاشماي تۈرلۈك سىياسەت ۋە خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى سىجىل كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى پۇختا، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى يىلدىن-يىلغا تېخىمۇ ياخشىلاش كېرەك.

كەيلى شەھىرى بەيگوجىڭ كوچىسى سىيۈەن مەھەللىسىدە 3000 غا يېقىن كۆچۈرۈلگەن ئامما ئولتۇراقلاشقان. لى چياڭ بۇ يەرگە كېلىپ، ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ياردەم بېرىش-يۆلەش سېخلىرىغا كىرىپ، كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، تۇرمۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى. لى چياڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بەردى. بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئۆز قەرەلىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش ئۈچۈن يەنە داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ساقلاپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ياخشى جىپسىلاشتۇرۇپ، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىش يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلىشىمىز كېرەك. ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش بىلەن باشقا جايدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىشنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، كۆچۈرۈلگەن ئاممىنى مۇقىم ئولتۇراقلىشىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، بېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

لى چياڭ ماجاڭ ناھىيەسى لەنمېڭگۇ ئېكولوگىيەلىك لەنمېي كەسپى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا ئىشلەپچىقىرىش سېخى ۋە مەھسۇلات كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئېتىزغا كېلىپ تېرىقچىلىق خادىملىرى بىلەن پاراڭلىشىپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ لەنمېي كەسپى تەرەققىياتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. لى چياڭ تەيجياڭ ناھىيەسى تەيگۇڭ كوچا باشقارمىسى خۇڭياڭ كەنتىدىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشنى كۆرۈپ، يېزا-كەنت تەنتەربىيە كەسپى، مەدەنىيەت ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنى زىيارەت قىلدى. لى چياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەۋقەنى رايون ئەۋزەللىكىگە قارىتىپ، ئىستىراھەت ساياھىتى، ئاممىۋى تەنتەربىيە، مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش قاتارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا-كەنت ئىقتىسادىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى يارقىن نۇقتىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. سۈپەت ئارقىلىق داڭلىق ماركا يارىتىپ، يېزا ئىگىلىك كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنىڭ مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، دېھقانلارنى ھەم تېخىمۇ كۆپ كىرىمگە، ھەم مول مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

لى چياڭ تەيجياڭ ناھىيەلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپتە چاي سەنئىتى، ھاراق تەڭشەش ئەمەلىي مەشىق ئۆيى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، مەكتەپ بىلەن كارخانىنىڭ ھەمكارلىقى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. لى چياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىرەر ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش- نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنىڭ ئاچقۇچى. كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، شەرقىي رايون بىلەن غەربىي رايوننىڭ ھەمكارلىقى قاتارلىق مېخانىزملاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، بازار ئېھتىياجىنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆزى ئىگىلىگەن ماھارەت بىلەن جاپالىق ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

لى چياڭ گۇيجۇنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، گۇيجۇنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردە غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە گۇيجۇ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

ۋۇ جېڭلوڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى چياڭ گۇيجۇدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

لى چياڭ گۇيجۇدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى