ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24- قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-25 10:40

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 24-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. يىغىنغا كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شىن چۈنيىڭ بەرگەن ئىلمىي ئۇنۋان قانۇنى لايىھەسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات، تاموژنا بېجى قانۇنى لايىھەسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇنى قاتارلىق ئۈچ قانۇننىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئالاقىدار لايىھەلەرنىڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسى، قارار لايىھەسى قاراپ چېقىلدى.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لۇ چىنجيەن بەرگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ماۋرىتىئۇس جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار ئەدلىيە ھەمكارلىقى توغرىسىدىكى شەرتنامىسى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن نېپالنىڭ جىنايى ئىشلار ئەدلىيە ھەمكارلىقى توغرىسىدىكى شەرتنامىسى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن سېنېگال جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن گىرېتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى»گە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. شەرتنامىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنىڭ ۋاكالىتەن تەييارلانغان ئارگېنالىغا قاراپ چېقىلدى.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ليۇ چى بەرگەن ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا يۇقىرىقى لايىھەلەرنىڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسى قاتارلىقلارنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24- قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24- قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى