ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى چياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-27 10:40

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى  26-ئاپرېل گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە  ئېچىلدى، يىغىندا گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ياخشىلاشنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، «دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىغا چارە كۆرۈش نىزامى  لايىھەسى» ۋە «سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى باشقۇرۇش مۇندەرىجىسىنى تەڭشەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارار» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.
يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش جەمئىيەت ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇش، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا. تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت-سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشقا داۋاملىق كۈچەپ، چوقۇم  ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەرگە قارىتا، ئالاقىدار جايلار ۋە تارماقلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دىققەتنى ئادىل رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرۈش، كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، بازار توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاش، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلىنىۋاتقان  ئاغرىق نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەقىقىي ھەل قىلىشى كېرەك. ئىز قوغلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، مۇۋاپىق پەيتتە «قايتا قاراپ چىقىش»نى قانات يايدۇرۇپ، مەسىلىلەرنىڭ تولۇق تۈزىتىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ توپلىغان پىكىر-تەكلىپلەرنى مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە، بىرمۇ-بىر تەھلىل قىلىپ ۋە تەتقىق قىلىپ، سىياسەت تۈزگەندە پائال قوبۇل قىلىشى كېرەك. تىپىك تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارنى مۇۋاپىق پەيتتە يەكۈنلىشى ۋە كېڭەيتىشى كېرەك.
يىغىندا «دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىغا چارە كۆرۈش نىزامى لايىھەسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش-- قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، كەسىپتە پاك بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا پايدىلىق. قانۇن ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭىتىپ، نىزامنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن كۆزىتىش-تۈزىتىش خىزمىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. كۈندىلىك نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نىزامدا بەلگىلەنگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا سېلىشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق خادىملارنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى ئاسان يۈز بېرىدىغان، كۆپ يۈز بېرىدىغان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن تۇتۇش، بىخ ھالىتىدە يوقىتىش كېرەك. ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر  ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈلمە-مېخانىزمنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۈزۈمدىكى يوچۇقلارنى ئېتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى تۈزۈمى مۇھىم سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنىڭ تۈزۈم كاپالىتى. خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە ئاممىۋى بىخەتەرلىككە چېتىلىدىغان خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ھەمدە يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى تۈزۈپ، ئىجازەتلىك باشقۇرۇش بىلەن مەنبەدىن تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك. كىنىشكىدىن كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۈپەت بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن- بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بويىچە باشقۇرۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سۈپەت بىخەتەرلىكى يوشۇرۇن خەۋپىنى كۈچەپ تۈگىتىش كېرەك. مەھسۇلاتلارنىڭ C3 ئىسپاتى، دۆلەتنىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئۆلچىمى قاتارلىق تەدبىرلەردىن بىر تۇتاش ياخشى پايدىلىنىپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق جىددىي ئېھتىياجلىق ئۆلچەملەرنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ ۋە تۈزىتىپ، ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمائىل

سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى چياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى 26-ئاپرېل گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى