ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9-سانلىق يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-27 10:47

 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9-سانلىق يىغىنى 26-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق ئىلمىي ئۇنۋان قانۇنى، تاموژنا بېجى قانۇنى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇنى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى، جانلىقلار بىخەتەرلىكى قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22-، 23-، 24-نومۇرلۇق رەئىس بۇيرۇقىنى ئىمزالىدى ھەمدە بۇ بۇيرۇق ئېلان قىلدى. كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى 166 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.
يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ماۋرىتىئۇس جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار ئەدلىيە ھەمكارلىقى شەرتنامىسى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارار، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن نېپالنىڭ جىنايى ئىشلار ئەدلىيە ھەمكارلىقى شەرتنامىسى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارار، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن سېنېگال جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارار، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن گىرېتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.
يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.
يىغىندا يەنە ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشقا ئالاقىدار لايىھەلەر ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن، شۆھرەت زاكىر، باش كاتىپ ليۇ چى يىغىنغا قاتناشتى.
دۆلەت كومىسسارى شېن يىچىن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى يىڭ يۇڭ، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، قىسمەن مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، قىسمەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
يېپىلىش يىغىنىدىن كېيىن، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10-قېتىملىق مەخسۇس لېكسىيە ئۆتكۈزدى،  كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھېسابلاش تېخنىكىسى تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى سۈن نىڭخۇي «سۈنئىي ئەقىل ۋە ئەقلىي ھېسابلاشنىڭ تەرەققىياتى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمائىل

سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9-سانلىق يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9-سانلىق يىغىنى 26-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى.