ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى چياڭ گوۋۇيۈەن بۇيرۇقى ئىمزالىدى، «خەلقئارا پوچتا پاراخوتلىرىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پورتلىرىدا توختاش تەمىنات بەلگىلىمىسى» ئېلان قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-27 11:04

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن بۇيرۇقى ئىمزالىدى، «خەلقئارا پوچتا پاراخوتلىرىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پورتلىرىدا توختاش تەمىنات بەلگىلىمىسى» ئېلان قىلىندى، بۇ بەلگىلىمە 2024-يىل 1-ئىيۇندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
«بەلگىلىمە» جەمئىي 16 ماددا بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، تەتبىقلاش ئوبيېكتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش. خەلقئارا لىنىيەدە قاتنايدىغان چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى پوچتا پاراخوتلىرى ۋە جۇڭگونىڭ پوچتا پاراخوتلىرى دۆلىتىمىز پورتلىرىدا توختىغان مەزگىلدە تىجارەتكە كېرەكلىك ماددىي ئەشيا ۋە ئالاقىدار مۇلازىمەتكە ئېرىشىشتە ئوخشاش قائىدە تەتبىقلىنىدۇ. ئىككىنچى، خىزمەت تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى بەلگىلەندى ھەم خەلقئارا پوچتا پاراخوتلىرىنىڭ پورتتا توختىغاندىكى تەمىنات خىزمىتى توغرىسىدىكى ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ماسلىشىپ ھەمكارلىشىش، مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىندى. ئۈچىنچى، ماددىي ئەشيا تەمىناتىنى راۋانلاشتۇرۇش. تۆتىنچى، تاموژنىدىن ئۆتۈشنى قولايلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش. بەشىنچى، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاش. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، خەلقئارا پوچتا پاراخوتى تىجارەتچىلىرى، پورتتا توختاشتا تەمىنلىنىدىغان ماددىي ئەشيا ۋە ئالاقىدار مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈشىگە، ئىجتىمائىي ئاممىۋى مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدىغانلىقى، پورتتا توختاش تەمىنات پائالىيىتىدە جۇڭگونىڭ قانۇن - نىزاملىرىغا رىئايە قىلىشى كېرەكلىكى بەلگىلەندى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有