گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى لى چياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار| يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-08 10:12
گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى 7-ئىيۇن گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى، يىغىندا ئىگىلىك تىكلەش، مەبلەغ سېلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت-تەدبىرلەر تەتقىق قىلىندى، نۆۋەتتىكى ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ ۋەزىيىتى ۋە كېيىنكى قەدەمدە ئۆي-زېمىن تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەر توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، «ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» ۋە «گوۋۇيۈەننىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى>دىكى رويخەتتىكى كاپىتالنى تىزىملاپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە لايىھەسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاسادىپىي ئاممىۋى ساغلاملىق ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى لايىھەسى» مۇزاكىرە قىلىندى.
يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پەن-تېخنىكا، كەسىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. «مەبلەغ توپلاش، مەبلەغ سېلىش، باشقۇرۇش، قايتۇرۇش»نى چۆرىدەپ، قوللاش سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سۇغۇرتا مەبلىغى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى قاتارلىقلارنى ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، چەت ئەل مەبلىغىنى ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش فوندىغا پائال جەلپ قىلىپ، چېكىنىپ چىقىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، قوشۇۋېلىپ قايتا تەشكىللەش قاتارلىق سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش تەرەققىياتىنى قوللايدىغان ياخشى ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك. ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش ئالاھىدىلىكىگە قارىتا پەرقلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسپىي ئاپپاراتلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىشنىڭ بالدۇر، كىچىك، قاتتىق پەن-تېخنىكىغا مەبلەغ سېلىشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئۆي-زېمىن كەسپىنىڭ تەرەققىياتى خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى ۋە پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقى ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. ئۆي-زېمىن بازىرىدىكى تەمىنلەش-تەلەپ مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشنى تولۇق تونۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك تۇرالغۇغا بولغان يېڭى ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، يولغا قويۇلغان سىياسەت-تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامبار قالدۇقىنى تۈگىتىش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر يېڭى سىياسەت-تەدبىرلەرنى داۋاملىق تەتقىق قىلىش ۋە تەييارلاش كېرەك. ساقلانما ئۆي-مۈلۈك، يەرلەرنى ھەزىم قىلىش، جانلاندۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەردە ھەم ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، پىكىر يوللىرىنى كېڭەيتىش، ھەم پۇختا ئىگىلەپ، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۆي-زېمىن تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، «بازار+كاپالەت» تۇرالغۇ تەمىنات سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئېلىمىز ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى تورى بەرپا قىلدى، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش قۇرۇلمىسىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نوپۇس چەكلىمىسىنى يەنىمۇ قويۇۋېتىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەخسىي ئىسچوتىغا ياردەم بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇدا سۇغۇرتىغا قاتنىشىش، فوندىدىن ئاتچوت قىلماسلىققا رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۇقىم كۈتۈش مەزگىلى ۋە ئۆزگىرىشچان كۈتۈش مەزگىلىنى تەسىس قىلىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى باشقۇرۇش ۋە داۋالاش مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ، ئاممىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى، داۋالىنىش قولايلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالنى تىزىملاپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن شىركەت قانۇنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاشنىڭ ئېھتىياجى. ساقلانما شىركەتلەرنىڭ مەبلەغ چىقىرىش مۇددىتىنى تەڭشەش قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، شىركەتلەرنىڭ پايچىكلارنىڭ مەبلەغ چىقىرىش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى قېلىپلاشتۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سودا مۇھىتىنى داۋاملىق بەرپا قىلىش كېرەك.
يىغىندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاسادىپىي ئاممىۋى ساغلاملىق ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى لايىھەسى» مۇزاكىرە قىلىندى ھەمدە پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى، لايىھەنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەد