لى چياڭ پاكىستان زۇڭلىسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار| يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-08 10:15
گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 7-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن پاكىستان ھەرۋاقىتلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلار. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 73 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن-ئاخىر سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، ئۇيۇل تاشتەك يېقىن دوستلۇق ئورناتتى. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭلى ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو-پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى پىلانلىدى ۋە يېتەكلىدى. جۇڭگو پاكىستان بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، يېڭى دەۋردە تېخىمۇ زىچ جۇڭگو ـ پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشنى خالايدۇ.
لى چياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو پاكىستاننىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، پاكىستاننىڭ ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق، خەۋپسىزلىك، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو پاكىستان بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ «دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى»نى بەرپا قىلىشنى مەركەز قىلىپ، نۇقتىلىق تۈرلەر قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ، يېزا ئىگىلىكى، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا، سېلىنما ھەمكارلىقى كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو پاكىستاننىڭ ئىجتىمائىي خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشى ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشىنى داۋاملىق قوللايدۇ، پاكىستان بىلەن ئادىمىيەت ئالاقىسىنى پائال قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو پاكىستاننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىنى قوللايدۇ، پاكىستاننىڭ پاكىستاندىكى جۇڭگو خادىملىرى، تۈرلىرى، ئاپپاراتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە داۋاملىق قىلچە بوشاشماي كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
شاھباز مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پاكىستان-جۇڭگو دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، بۇزۇلماس دوستلۇق، بىر-بىرىنى قېرىنداشتەك يېقىن كۆرىدۇ. پاكىستان جۇڭگونىڭ تەيۋەن، شىزاڭ، شىنجاڭ، شياڭگاڭ، جەنۇبىي دېڭىز قاتارلىق مەسىلىلەردىكى مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ. پاكىستان جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش رامكىسىدا پاكىستان-جۇڭگو ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، يېزا ئىگىلىكى، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، پاكىستان-جۇڭگو ھەرۋاقىتلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ۋە پاكىستان-جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ. پاكىستان داسۇدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغان جۇڭگو پۇقرالىرىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىدۇ، بارلىق كۈچلەرنى ئىشقا سېلىپ پاكىستاندىكى جۇڭگو خادىملىرى ۋە ئورگانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى قاتناش، كەسىپ، يېزا ئىگىلىكى، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا گۇۋاھ بولدى.
سۆھبەتتىن بۇرۇن، لى چياڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا شاھبازنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
ۋۇ جېڭلوڭ يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەد