ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جاۋ لېجى پاكىستان زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-08 10:18
    مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 7-ئىيۇن بېيجىڭدا پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز بىلەن كۆرۈشتى. 
  جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن پاكىستان ھەرۋاقىتلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلار ۋە يېقىن دوستلار. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشى ۋە دوستلۇقى باشتىن-ئاخىر ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولۇپ، دۆلەتلەر ئارا دوستانە ئۆتۈشنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ قالدى. جۇڭگو پاكىستان بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردە تېخىمۇ زىچ جۇڭگو-پاكىستان تەقدىر  ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى پاكىستان پارلامېنتى بىلەن بولغان دوستلۇق ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانۇن جەھەتتىن قوللاپ، كۆپ تەرەپلىك تەشكىلاتلاردا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداشنى خالايدۇ. 
  شاھباز مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پاكىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتى يىمىرىلمەس، پاكىستان رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم ئىدىيە تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. 
شۆھرەت زاكىر كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
  
  تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
  سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەد 
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جاۋ لېجى پاكىستان زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 7-ئىيۇن بېيجىڭدا پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز بىلەن كۆرۈشتى.