ۋاڭ خۇنىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار| يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-08 10:20
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدا ۋېنېزۇئېلانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى گىل بىلەن كۆرۈشتى.
ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇلتۇر 9-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ مادۇرو بىرلىكتە جۇڭگو-ۋېنېزۇئېلا مۇناسىۋىتىنىڭ ھەرۋاقىتلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى تارىخىي دەۋرگە باشلاپ كىردى. جۇڭگو ۋېنېزۇئېلا بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو-ۋېنېزۇئېلا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى جۇڭگو-ۋېنېزۇئېلا دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگو-ۋېنېزۇئېلا مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كېيىنكى 50 يىلىنى ئورتاق ئېچىشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى جۇڭگو-ۋېنېزۇئېلا ھەمكارلىقىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ توپلاشنى خالايدۇ.
گىل مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ۋېنېزۇئېلا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلگە قەدەم قويدى. ۋېنېزۇئېلا رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار مۇھىم دۇنياۋى تەشەببۇسلارنى تامامەن قوللايدۇ، داۋاملىق جۇڭگونىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك دوستى بولۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، ۋېنېزۇئېلا-جۇڭگو ھەرۋاقىتلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى قول تۇتۇشۇپ ئالغا سىلجىتىدۇ.
ۋاڭ دۇڭفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەد