ئىستانسىمىز: «قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى» ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلدى
ئىستانسىمىز 8-ئىيۇل «قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى» ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلدى.
ئوبزوردا مۇنداق دېيىلدى: 8-ئىيۇل، رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر يېشىل تەرەققىيات مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى. رەئىس شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە، جۇڭگونىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلغان، تۇرمۇش باياشات، ئېكولوگىيە ياخشى بولغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى ئېنىق يەتكۈزۈپ، جۇڭگونىڭ ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن يېشىل تەرەققىيات ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سەمىمىي ئارزۇسىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلەپ، قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت