ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جاۋ لېجى ئۆزبېكىستاندا رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-10 10:07

  ئۆزبېكىستان ئالىي مەجلىسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى ناربايېۋا ۋە قانۇن چىقىرىش پالاتاسىنىڭ باشلىقى ئىسمائىلوفنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 6-ئىيۇلدىن 9-ئىيۇلغىچە ئۆزبېكىستاندا رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى، تاشكەنتتە زۇڭتۇڭ مىرزىيايېف بىلەن كۆرۈشتى، ناربايېۋا، ئىسمائىلوف بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  جاۋ لېجى مىرزىيايېفقا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى. جاۋ لېجى مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىدە ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەر تەرەپلىمە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئاساسىدا جۇڭگو-ئۆزبېكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىنماقتا. جۇڭگو ئۆزبېكىستان بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەۋپسىزلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، خەلقئارا ۋە رايون ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ئۆزبېكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  مىرزىيايېف جاۋ لېجى ئارقىلىق رەئىس شى جىنپىڭغا ياخشى تىلەكلەرنى يوللىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆزبېكىستان رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئومۇميۈزلۈك قوللايدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا، يەرلىكلەر، مائارىپ، ئېنېرگىيە بايلىقى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ۋە نامراتلارنى ئازايتىش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە بىرلىكتە زەربە بېرىپ، ئۆزبېكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋردىكى ھەر تەرەپلىمە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  جاۋ لېجى ناربايېۋا، ئىسمائىلوف بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قوللاپ، ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە بىر-بىرىگە ياردەم بېرىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش جەھەتتە ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى كېرەك. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئۆزبېكىستان كېڭەش پالاتاسى ۋە قانۇن چىقىرىش پالاتاسى بىلەن بىرلىكتە، دىققەتنى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قارىتىپ، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىشنى خالايدۇ.

  ناربايېۋا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. ئۆزبېكىستان كېڭەش پالاتاسى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تەجرىبىلەرنى ئۆزئارا ئۆگىنىشنى خالايدۇ. ئىسمائىلوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيمەن. ئۆزبېكىستان قانۇن چىقىرىش پالاتاسى ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

  جاۋ لېجى ئۆزبېكىستانغا دۇنيا مەدەنىيلىك تەشەببۇسى ۋە جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، چەت ئەلگە چېتىشلىق ساھەلەردە قانۇن چىقىرىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇردى.

  جاۋ لېجى ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە سەمەرقەنت ئوبلاستىنىڭ باشلىقى تۇرگىموف بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ يەرلىكلەر ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئەلرايى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تاشكەنت دۆلەتلىك شەرق داشۆسىدە كۇڭزى شۆيۈەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلىپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ تىل-مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئەلرايىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىدى. جۇڭگو قۇرۇشقا قاتناشقان ئولىمپىك شەھەرچىسى تۈرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرىدىن ئىككى دۆلەت خەلقىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى نەپكە ئېرىشتۈرۈشنى تەكىتلىدى، يەنە ئۆزبېكىستان مۇستەقىللىق خاتىرە مۇنارىغا گۈل چەمبىرەك قويدى.

  تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

  سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جاۋ لېجى ئۆزبېكىستاندا رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى

ئۆزبېكىستان ئالىي مەجلىسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى ناربايېۋا ۋە قانۇن چىقىرىش پالاتاسىنىڭ باشلىقى ئىسمائىلوفنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 6-ئىيۇلدىن 9-ئىيۇلغىچە ئۆزبېكىستاندا رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى، تاشكەنتتە زۇڭتۇڭ مىرزىيايېف بىلەن كۆرۈشتى، ناربايېۋا، ئىسمائىلوف بىلەن سۆھبەتلەشتى.