ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋاڭ خۇنىڭ بېنگال زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-10 10:09

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 9-ئىيۇل بېيجىڭدا بېنگال زۇڭلىسى ھاسىنا بىلەن كۆرۈشتى.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە بېنگال رەھبەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن بېنگال ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇپ، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەت، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. جۇڭگو بېنگال بىلەن بىللە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو- بېنگال ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ـ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ زور بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بېنگال بىلەن ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-بېنگال تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  ھاسىنا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگوغا ئالتە قېتىم زىيارەتكە كەلگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. بېنگال-جۇڭگو دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان قىممەتلىك قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز. بېنگال جۇڭگونىڭ ئۇلۇغ تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ئاپىرىن ئېيتىدۇ، ئىلگىرىكىدەكلا بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىق ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بېنگال-جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.
شى تەيفېڭ، ۋاڭ دۇڭفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

  بېنگال زۇڭلىسى ھاسىنا 9-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن تيەنئەنمېن مەيدانىغا بېرىپ، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا گۈل چەمبىرەك قويدى.

  تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

  سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ۋاڭ خۇنىڭ بېنگال زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 9-ئىيۇل بېيجىڭدا بېنگال زۇڭلىسى ھاسىنا بىلەن كۆرۈشتى.