لى چياڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ھەققىدە مۇتەخەسسىس ۋە كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 9-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ھەققىدە مۇتەخەسسىس ۋە كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى قەدەمدىكى ئىقتىسادىي خىزمەت توغرىسىدىكى تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.
سۆھبەت يىغىنىدا ياڭ جىيۇڭ، جۇڭ جېڭشېڭ، جاۋ جۇڭشيۇ، مياۋ يەنلياڭ، شاۋ تيەنلەن، جاۋ پېڭ، جېڭ شۆشۈەن، جاڭ شىشۈن قاتارلىقلار سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: مۇرەككەپ تاشقى مۇھىتتا، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ، يېڭى قۇۋۋەت تېز يېتىلدى، زورايدى، بۇ نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى. كۆپچىلىك يەنە ئىقتىسادىي ھەرىكەتتىكى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدا پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
لى چياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملاشتۇرۇپ، قۇرۇلمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇرەككەپ. ۋەزىيەتنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا تەھلىل قىلىپ، ھەم نەتىجىنى كۆرۈپ، ھەم مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرماي، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات كۆزلىمە نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، ماكرولۇق سىياسەتنى ياخشى يولغا قويۇپ، سىجىل كۈچەپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
لى چياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىقتىسادنىڭ قايتا يۈكسىلىپ، ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىشتە، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى قۇۋۋەتنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش كېرەك. كارخانىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى قاراتمىلىق كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نامۇۋاپىق تۈزۈلمە، مېخانىزمنى ئىسلاھ قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوزغاپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى ياخشى تەشكىللەپ، ياخشى ئىشلىتىپ، غايەت زور يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
لى چياڭ كارخانىچىلارنىڭ ئىشەنچنى چىڭىتىپ، كۆڭۈل قويۇپ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىپ، كارخانىنى تىرىشىپ قۇدرەت تاپقۇزۇشىنى ئۈمىد قىلدى. مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ ئالدىن كۆرەر پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە قانۇنىيەتلىك تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەقىل-پاراسىتىنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل