ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جاۋ لېجى شەرقىي تىمور زۇڭتۇڭى، ئىتالىيە زۇڭلىسى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-30 09:53

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 29-ئىيۇل بېيجىڭدا شەرقىي تىمور زۇڭتۇڭى خورتا، ئىتالىيە زۇڭلىسى مېلونى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.

  جاۋ لېجى خورتا بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن شەرقىي تىمور ئەنئەنىۋى دوست قوشنىلار. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ خورتانىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتتە ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى. جۇڭگو شەرقىي تىمور بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى شەرقىي تىمور خەلق پارلامېنتى بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىنى داۋاملىق قويۇقلاشتۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى خالايدۇ.

  خورتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو شەرقىي تىمورنىڭ ئەڭ مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى ۋە تەرەققىيات ھەمراھى. شەرقىي تىمور بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  شەرقىي تىمور زۇڭتۇڭى خورتا 29-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن تيەنئەنمېن مەيدانىغا بېرىپ، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا گۈل چەمبىرەك قويدى.

  جاۋ لېجى مېلونى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئىتالىيە رەھبەرلىرىنىڭ يېتەكلىشى ۋە تۈرتكىسىدە، جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي بەخت ئېلىپ كەلدى. بۇ يىل-جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقى، ئىككى تەرەپ داۋاملىق ياخشى ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو-ئىتالىيە مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشۇشى كېرەك. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىتالىيە پارلامېنتى بىلەن قەرەللىك ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك، كەڭ يوللۇق دوستلۇق ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى خالايدۇ.

  مېلونى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىتالىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، مۇقىم بولۇپ، شانلىق تارىخىي مۇساپىدە شەرق بىلەن غەربنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۆۋرۈك بولغان. مەن ئىككى تەرەپ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد-سودا، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىتالىيە-جۇڭگو، ياۋروپا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ۋاڭ دۇڭمىڭ يۇقىرىقى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

  سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جاۋ لېجى شەرقىي تىمور زۇڭتۇڭى، ئىتالىيە زۇڭلىسى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 29-ئىيۇل بېيجىڭدا شەرقىي تىمور زۇڭتۇڭى خورتا، ئىتالىيە زۇڭلىسى مېلونى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.