جاۋ لېجى سېنېگال زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشتى
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدا جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ۋە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن سېنېگال زۇڭتۇڭى فايې بىلەن كۆرۈشتى.
جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ فايې بىلەن مول نەتىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قەتئىي قوللاپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن سېنېگالنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ـ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى سېنېگال خەلق پارلامېنتى بىلەن دوستانە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.
فايې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغاندىن بۇيان مول نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. جۇڭگونىڭ باشتىن-ئاخىر ئافرىقا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ئافرىقا ۋە يەر شارىنىڭ جەنۇبى دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت. سېنېگال بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سېنېگال-جۇڭگو، ئافرىقا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا