ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋاڭ خۇنىڭ تانزانىيە زۇڭتۇڭى، بۇركىنافاسو زۇڭلىسى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-09-05 09:40

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 9-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدا جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن تانزانىيە زۇڭتۇڭى ھەسەن، بۇركىنافاسو زۇڭلىسى كيېلېم بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.

  ۋاڭ خۇنىڭ ھەسەن بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ سىز بىلەن ئۇچرىشىپ، جۇڭگو بىلەن تانزانىيە ھەمكارلىقى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن تانزانىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك قىلدى. بۇ يىل ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، جۇڭگو تانزانىيە بىلەن بىرگە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشلارنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو-تانزانىيە، جۇڭگو-ئافرىقا خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى بۇنىڭ ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  ھەسەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن مول نەتىجىلىك كۆرۈشكەنلىكىمدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلدىم. تانزانىيە ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەلەر ئارا ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەيدۇ، جۇڭگو بىلەن تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتىكى يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى خالايدۇ.

  ۋاڭ خۇنىڭ كيېلېم بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن بۇركىنافاسو دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئالتە يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بۇركىنافاسو رەھبىرى جۇڭگو-بۇركىنافاسو مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشنى تەڭ قارار قىلدى. جۇڭگو بۇركىنافاسو بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەتنى قۇدەرت تاپقۇزۇش ۋە تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىش يولىدىكى ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ياخشى دوستلاردىن، ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى بۇنىڭ ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  كيېلېم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇركىنافاسو-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى، ھەمكارلىق ئالاقىسى قويۇق. بۇركىنافاسو «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، ئىقتىساد-سودا، ئېنېرگىيە، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. بۇركىنافاسو جۇڭگو كومپارتىيەسى قولغا كەلتۈرگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە قايىل، جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

  سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ۋاڭ خۇنىڭ تانزانىيە زۇڭتۇڭى، بۇركىنافاسو زۇڭلىسى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 9-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدا جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن تانزانىيە زۇڭتۇڭى ھەسەن، بۇركىنافاسو زۇڭلىسى كيېلېم بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.