ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى چياڭ نىگېرىيە زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-09-05 10:08

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 9-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدا جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ۋە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن نىگېرىيە زۇڭتۇڭى تىنۇبۇ بىلەن كۆرۈشتى.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن نىگېرىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، بىر-بىرىنى باشتىن-ئاخىر ھۆرمەتلەپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ كەلدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىدا زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىپ، جۇڭگو-نىگېرىيە مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرىدىغانلىقىنى بىرلىكتە جاكارلىدى. جۇڭگو ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، نىگېرىيە بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىگە ئەمەل قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەڭ قۇرۇش رامكىسىدا ئۇل قۇرۇلۇش، پۇل مۇئامىلە، دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تەڭ تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا باشتىن-ئاخىر ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئالغا ئىلگىرىلەشنى خالايدۇ.

  تىنۇبۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نىگېرىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش، ئۆز ئارا پايدا ئېلىش پىرىنسىپى ئاساسىدا ئورنىتىلغان، نىگېرىيە جۇڭگو بىلەن مەبلەغ سېلىش، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  تىنۇبۇ 9-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن، تيەنئەنمېن مەيدانىغا بېرىپ، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا گۈل چەمبىرەك قويدى.

  تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

  سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى چياڭ نىگېرىيە زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشتى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 9-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدا جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ۋە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن نىگېرىيە زۇڭتۇڭى تىنۇبۇ بىلەن كۆرۈشتى