لى چياڭ يېشىل تۇمشۇق زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى
گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 9-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدا جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن يېشىل تۇمشۇق زۇڭلىسى سىلۋا بىلەن كۆرۈشتى.
لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ مەزكۇر دۆلەتنىڭ رەھبىرى بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشنى قارار قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. جۇڭگو يېشىل تۇمشۇق بىلەن بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە قەتئىي بىر-بىرىنى قوللاپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى، جۇڭگو-پورتۇگال تىللىق دۆلەتلەر ئىقتىساد سودا مۇنبىرى قاتارلىق سۇپا ھەمكارلىق پۇرسىتىدىن تولۇق ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇل قۇرۇلۇش، كۆك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى بىرلىكتە قوغدىشى كېرەك.
سىلۋا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېشىل تۇمشۇق بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئىقتىساد سودا، بېلىقچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
ۋۇ جېڭلوڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى