لى چياڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «ئىنقىلابىي قۇربانلارنى تەقدىرلەش نىزامى»نى ئېلان قىلىش ھەققىدىكى گوۋۇيۈەن بۇيرۇقىنى ئىمزالىدى
گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ يېقىندا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «ئىنقىلابىي قۇربانلارنى تەقدىرلەش نىزامى»نى ئېلان قىلىش ھەققىدىكى گوۋۇيۈەن بۇيرۇقىنى ئىمزالىدى، بۇ نىزام 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «نىزام» جەمئىي سەككىز باب، 70 ماددا بولۇپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئاساسلىق مەزمۇنلار:
بىرىنچى، خىزمەت پىرىنسىپىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش.
ئىنقىلابىي قۇربانلارنى تەقدىرلەش خىزمىتىدە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش؛ دۆلەت ئىنقىلابىي قۇربانلارنى تەقدىرلەيدۇ، خاتىرىلەيدۇ ۋە قوغدايدۇ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە شان-شەرىپىنى قوغدايدۇ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى ۋە روھىنى تەشۋىق قىلىدۇ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرىدۇ.
ئىككىنچى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى باھالاش شەرتى ۋە تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش.
ئۈچىنچى، نەپىقە بېرىش، ئېتىبار بېرىش ۋە مۇلازىمەت كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ شان-شەرەپ ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئېتىبار بېرىش، ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىش.
تۆتىنچى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش ئەسلىھەلىرىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش ھەققىدە بەلگىلىمە چىقىرىش.
بەشىنچى، تەشۋىق قىلىش، ئەۋج ئالدۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەبرە يوقلاش-سۈپۈرۈش تۈزۈمى ۋە قائىدە- يوسۇن قائىدىسىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت