ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قەھرىمان نەمۇنىچىلارنى ئۈلگە قىلىپ، خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېخىمۇ يارقىن، ئېسىل يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە يارىتايلى ـ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن ۋە مېدال تارقىتىپ بېرىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-10-01 11:15
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى پەيتىدە، دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامى بېرىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي شەرىپى بىلەن، ھەرقايسى سەپلەردىن كەلگەن قەھرىمان نەمۇنىچىلار ۋە خەلقئارادىكى دوستلارغا ھۆرمەت بىلدۈردى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى، كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قەھرىمان نەمۇنىچىلارنى ئۈلگە قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلۇغ ئىشىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل، رەڭدار يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە پۈتىمىز.
باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كومپارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىقتىساد تېز  تەرەققىي قىلىش ۋە جەمئىيەت ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنى ياراتتى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى. بۇ قاينام-تاشقىنلىق تەرەققىيات مۇساپىسىدە، ھەر قايسى سەپلەردە تۈركۈم-تۈركۈم قەھرىمان نەمۇنىچىلار بارلىققا كەلدى. «خەلق ئالىمى» دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكەن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ مۇتەخەسسىسى جاۋ جۇڭشيەن مۇنداق دېدى: بۇ شەرەپ جۇڭگونىڭ ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ ئىشلىرىغا تۆھپە قوشقان بارلىق كىشىلەرگە مەنسۇپ. ئىلىم-پەننىڭ دۆلەت چېگراسى بولمايدۇ، ئەمما پەقەت جۇڭگودىكى ئۇلۇغ ئالىملار زور كەشپىيات ياراتقاندىلا، ئاندىن جۇڭگولۇقلارنىڭ روھى ۋە ئىشەنچىسىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، شۇڭا مېنىڭچە ئالىملارنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەقىقەتكە ئىنتىلىش بىلەن بىرگە، دۆلەت ۋە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش.
«خەلق ھۈنەرۋەنلىرى» دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكەن شۈ جېنچاۋ باش شۇجىنىڭ ئۆزىگە مۇكاپات تارقىتىپ بەرگەن پەيتىنى ئېسىدىن چىقارمىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا، باش شۇجى مۇھىم سۆز قىلدى، ئەڭ ئېنىق ئېسىمدە قالغىنى «دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ماھارىتىنى تاۋلاپ چىقىش كېرەك» دېگەن سۆزى، قايسى كەسىپنى قىلسا شۇ كەسىپنى سۆيۈش، شۇ كەسىپنى بېرىلىپ ئىشلەش كېرەك. بارلىق ئەمگەكچىلەر جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تايانچ كۈچى، بىز بەلنى چىڭ باغلاپ، غورورىمىزنى ساقلاپ، داۋاملىق تىرىشىپ، داۋاملىق تەتقىق قىلىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.
شەخسىي غايە بىلەن ۋەتەننىڭ تەقدىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، تېببىي ئىشلارنى ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ سەھنىسى قىلىمەن. «خەلقنىڭ داۋالاش، پەرۋىش قىلىش خىزمەتچىسى» دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكەن لۇ شېڭمېي مۇنداق دېدى: «خەلقنىڭ داۋالاش، پەرۋىش قىلىش خىزمەتچىسى» دېگەن بۇ نامنىڭ مەسئۇلىيىتى ناھايىتى ئېغىر. مەن پەقەت ئاساسىي قاتلامدىكى بىر  داۋالاش، پەرۋىش قىلىش خىزمەتچىسى، ئادەتتىكى دوختۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلدىم. داۋالاش، پەرۋىش قىلىش خىزمىتى بىزنىڭ كەسپىمىز، بىز خەلققە مەنسۇپ. مەن خەلق ئارىسىدىن كەلدىم، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويمايمەن.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 75 يىلدىن بۇيان، دۇنيادا جۇڭگو خەلقى بىلەن بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە بولغان، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولغان نۇرغۇن قەدىناس دوستلار، ياخشى دوستلار بارلىققا كەلدى، بۈگۈن «دوستلۇق ئوردېنى» بېرىلگەن دىلما روسسېف خانىم دەل شۇلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى. دىلما روسسېف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ئوردېنغا ئېرىشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن، جۇڭگو ئۈزلۈكسىز ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئىقتىسادنى ئېچىۋېتىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، تىنچ، مۇقىم دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ، مېنىڭ بۇ ئوردېنغا ئېرىشىشىم دەل بۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئىپادىسى. رەئىس شى جىنپىڭ خەلقئارادا تەسىر كۈچكە ئىگە رەھبەر، مەن ئۇنىڭغا قايىل.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۇلۇغ دەۋر قەھرىمانلارنى چاقىرىدۇ، قەھرىمانلارنى يېتىشتۈرىدۇ. قەھرىمانلار ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كەلسە، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى گۈللەپ ياشنايدۇ، مەڭگۈ روناق تاپىدۇ. كادىرلار ۋە ئامما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قەھرىمان نەمۇنىچىلارنى ئۈلگە قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.2019-يىلى «خەلق ئالىمى» دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكەن يې پېيجيەن ئىلگىرى تۆھپە قوشۇپ، شەرەپ قۇچقانلار ۋەكىلى سۈپىتىدە ئوردېن ۋە مېدال تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ئۇ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە چاڭئې 7-نومۇر ئاي شارىغا بېرىپ سۇ ئىزدەيدۇ، چاڭئې 8-نومۇر ئىلمىي تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرىدۇ، بىز يەنە مارس، كىچىك سەييارىلەردىن ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتىپ كېلىمىز، جۇڭگونىڭ ئاي شارىنى تەكشۈرۈش يولى، مارس تەكشۈرۈش يولى، ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش يولى بارغانسېرى ئۇزىراپ، دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتىدۇ.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى تېلېۋىزوردىن بىۋاسىتە ئاڭلاپ، ئوقۇتقۇچىم خۇاڭ دانيەننىڭ «خەلق مائارىپچىسى» دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكەنلىكىگە گۇۋاھ بولدۇم، جىلىن داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى ما گوچىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: يېتەكچى ئوقۇتقۇچىمنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى مېنىڭ يەر شارى فىزىكىسى ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ بايلىق بىخەتەرلىكىگە تىرەك بولۇش ئىرادەمنى تېخىمۇ چىڭىتتى، بىز چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزىمىزنى دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، پەن-تېخنىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە باتۇرلۇق بىلەن ئۆرلەپ، دەۋرنىڭ ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ئۇستاز تاماملاپ بولالمىغان ئىشلارنى تاماملىشىمىز كېرەك. 
 تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قەھرىمان نەمۇنىچىلارنى ئۈلگە قىلىپ، خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېخىمۇ يارقىن، ئېسىل يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە يارىتايلى ـ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن ۋە مېدال تارقىتىپ بېرىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

قەھرىمان نەمۇنىچىلارنى ئۈلگە قىلىپ، خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېخىمۇ يارقىن، ئېسىل يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە يارىتايلى ـ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن ۋە مېدال تارقىتىپ بېرىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى