لى چياڭ «تور سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى»نى ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى گوۋۇيۈەن بۇيرۇقىنى ئىمزالىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2024-10-01 11:17
گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ يېقىندا «تور سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى»نى ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى گوۋۇيۈەن بۇيرۇقىنى ئىمزالىدى، بۇ نىزام 2025-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «نىزام» جەمئىي توققۇز باب، 64 ماددا بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بەلگىلەنگەن. بىرىنچى، تور سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە ئادەتتىكى بەلگىلىمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تور سانلىق مەلۇماتلىرىنى ھەرقايسى كەسىپ، ھەرقايسى ساھەلەردە يېڭىلىق يارىتىپ قوللىنىشقا ئېنىق ئىلھام بېرىپ، تور سانلىق مەلۇماتلىرىنى تۈرگە، دەرىجىگە ئايرىپ قوغداشنى يولغا قويۇپ، تور سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار خەلقئارا قائىدە ۋە ئۆلچەملەرنى تۈزۈشكە پائال قاتنىشىپ، ساھە تەلەپچانلىقىنى كۈچەيتىپ، تور سانلىق مەلۇماتلىرىنى قانۇنسىز بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتىنى چەكلەش كېرەك. ئىككىنچى، شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش بەلگىلىمىسىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تور سانلىق مەلۇماتلىرىنى بىر تەرەپ قىلغۇچىدىن شەخسنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنى قوللايدىغان قولايلىق ئۇسۇل ۋە يول بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىش كېرەك، نامۇۋاپىق شەرت قويۇپ شەخسنىڭ مۇۋاپىق تەلىپىنى چەكلىمەسلىك كېرەك. ئۈچىنچى، مۇھىم سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، تور سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ چېگرا ھالقىغان بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. بەشىنچى، تور سۇپىسى مۇلازىمىتى قىلغۇچىلارنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى