ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى چياڭ فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-10-30 10:31

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 10-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدا فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى سىتۇب بىلەن كۆرۈشتى.

لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلدى. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو-فىنلاندىيە مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزدى. جۇڭگو فىنلاندىيە بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى نۇرلاندۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئاشۇرۇپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد-سودا، پەن-تېخنىكا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تەڭ پايدا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

سىتۇب مۇنۇلارنى بىلدۈردى، نۆۋەتتە فىنلاندىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى. فىنلاندىيە جۇڭگو بىلەن ھەر قايسى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادسودا، يېزا ئىگىلىكى، يېشىل ئېنېرگىيە، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. فىنلاندىيە ياۋروپا-جۇڭگو ئىقتىساد- سودا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى چياڭ فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشتى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 10-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدا فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى سىتۇب بىلەن كۆرۈشتى.