ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 3-قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-11 11:09

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 3-قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى.
لى خۇڭجۇڭ ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى جاۋ لېجىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
3-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرى قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ھەققىدىكى قارار لايىھەسىگە ئەستايىدىل قاراپ چىقتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن، قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقىپ، قارار لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇش ئارگىنالىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شىن چۈنيىڭ بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ ۋەكىللەر قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ھەققىدىكى قارار لايىھەسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق يۇقىرىقى دوكلات ۋە قارار لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇش ئارگىنالى ماقۇللىنىپ، ۋەكىللەر قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇش ئارگىنالىنى يىغىننىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.
ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋە 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىغا ئەستايىدىل قاراپ چىقتى. ۋەكىللەر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. قاراپ چىقىش جەريانىدا، ۋەكىللەر دوكلات ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى توغرىسىدا بەزى پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ۋەكىللەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ، دوكلاتقا ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى ۋەكىللەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكرى ۋە دوكلاتقا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تەستىقلاش تەكلىپىنى بەردى ھەم دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ۋاكالىتەن تۈزۈپ چىقتى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 14- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.
ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى پۈتۈن كۈن ۋە 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقتى. ۋەكىللەر ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. قاراپ چىقىش جەريانىدا، ۋەكىللەر بەزى پىكىر، تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋەكىللەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ، دوكلاتقا ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى ۋەكىللەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكرى ۋە دوكلاتقا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تەستىقلاش تەكلىپىنى بەردى ھەم ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى ئىككى قارار لايىھەسىنى ۋاكالىتەن تۈزدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، بۇ ئىككى قارار لايىھەسىنى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.
يىغىندا يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ليۇ جۈنچېن بەرگەن 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىن كاتىبات باشقارمىسى ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى بىرمۇ بىر ئەستايىدىل تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ قاراپ چىقىشىغا كىرگۈزۈش زۆرۈر بولغان تەكلىپ يوق، دەپ قارىدى. يىغىن كاتىبات باشقارمىسى ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى ئايرىم ـ ئايرىم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش تەكلىپىنى بەردى. ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلار يۇقىرىقى تەكلىپلەرنى قاراپ چىققاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدا دوكلات سۇنىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغاندىن كېيىن، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىدا بېسىپ تارقىتىدۇ. يىغىن كاتىبات باشقارمىسى ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپلىرىنى قاراپ چىقىش ۋە ئالاقىدار خىزمەتلەر توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىل، ئەمەلىيلەشتۈرۈلسە؛ ئىسلاھات بىلەن قانۇنچىللىقنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئىسلاھاتتىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىش، ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئاكتىپ رولى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلسا؛ ئىلمىي قانۇن چىقىرىش، دېموكراتىك قانۇن چىقىرىش، قانۇن بويىچە قانۇن چىقىرىش چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، قانۇن چىقىرىش سۈپىتى ئۆستۈرۈلسە؛ ۋەكىللەر بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمى ۋە مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ۋەكىللەرنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە قاتنىشىش دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلسە.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات ماقۇللاندى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 3-قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 3-قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى.