گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى لى چياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى
گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى، يىغىندا «گوۋۇيۈەننىڭ 2025-يىللىق نۇقتىلىق خىزمەت ئىش تەقسىماتى لايىھەسى» مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى، «گوۋۇيۈەننىڭ <تېز يەتكۈزۈش ۋاقىتلىق نىزامى>غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى (لايىھەسى)» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.
يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېقىندا يېپىلغان 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان، ۋەزىپىلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. تارماقلار، ئورۇنلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۈچلۈك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ياخشى ئورۇنداپ، ئەمەلىي ئىشلەش نەتىجىسى ئارقىلىق خەلققە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك. تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك ئېنىقسىز ئامىللارغا قارىتا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، تېز ئىش قىلىپ، ئالدىدا كۈچ چىقىرىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، سىياسەت زاپىسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى، زۆرۈر تېپىلغاندا ۋاقتىدا يولغا قويۇپ، تېزدىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا كۈچەپ، يېتەكلەش، قوزغىتىش خاراكتېرى كۈچلۈك قول تىقىش نۇقتىسىنى تېپىشقا ماھىر بولۇپ، يېڭى تۇتقا ۋە ۋاسىتىلەرنى ئۈزلۈكسىز پىلانلاپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. يەرلىككە بولغان يېتەكچىلىك ۋە قوللاشنى كۈچەيتىپ، ئامىل كاپالىتى، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىشنى ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللاش سىياسىتىنى تۈزۈپ، كونكرېت لايىھە چىقىرىشى كېرەك. تارماقلار ئارا ماسلىشىش، ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك، تارماقلار ئومۇمىيەت ئېڭىنى، سىستېما قارىشىنى كۈچەيتىشى، باشلامچى تارماقلار مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشى، قاتناشقان تارماقلار ئاكتىپ ئىشلەپ، زىچ ماسلىشىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
يىغىندا «گوۋۇيۈەننىڭ ‹تېز يەتكۈزۈش ۋاقىتلىق نىزامى›غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى (لايىھەسى)» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: تېز يەتكۈزۈش ئوراش-قاچىلاش مەسىلىسىگە قارىتا «نىزام»غا مەخسۇس ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تېز يەتكۈزۈشتىكى ئوراش-قاچىلاشنى يېشىللاشتۇرۇش، مىقدارىنى ئازايتىش، ئىمكانىيەتلىك ئايلاندۇرۇش، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىشكە پايدىلىق. سىستېمىلىق تۈزەش، ھەمكارلىشىپ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ھالقىدىكى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى، سودىگەرلەر ۋە تۆۋەن ھالقىدىكى ئىستېمالچىلارنى يېتەكلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن زەنجىر بويىچە تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تېز يەتكۈزۈشتىكى ئوراش-قاچىلاشنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئۇنىۋېرسال قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوراش-قاچىلاش، يىغىۋېلىش، تازىلاش، يۆتكەش قاتارلىق تىجارەت تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، يېشىل تەرەققىياتنىڭ ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىياتىنى يارىتىش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى