ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش-تەربىيە خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-13 16:58

مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى يىغىن ئاچتى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى سەي چى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى شى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 2025ـ يىلى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» دىن كېيىن 7-ئايغىچە پۈتۈن پارتىيەدە مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆگىنىش-تەربىيەنىڭ باش تېمىسىنى ئۆزى پىلانلاپ بېكىتتى، مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بەردى، ئۆگىنىش-تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «پۈتۈن پارتىيەدە مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى. ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش-تەربىيەنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، پارتىيە ئەزالىرى،كادىرلارنى مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. «ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىش»نى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە 18ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈمى ۋە تەجرىبىلەرنى سىستېمىلىق يەكۈنلەپ، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىبرەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، مەركەزلىك تۈزەشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆگىنىشنىڭ سۈپىتى بولۇش، تەكشۈرۈشنىڭ سالمىقى بولۇش، تۈزىتىشنىڭ ئۈنۈمى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار ئۆگىنىش-تەربىيەدە باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، تۈرلەر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ،«ئىككى ياقىلىمىلىق»نىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆگىنىش-تەربىيەنىڭ تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
لى گەنجيې، لى شۇلېي، مۇ خۇڭ، جياڭ شىنجى يىغىنغا قاتناشتى. مەركىزى كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئەسقەر تۇرسۇن

















中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش-تەربىيە خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى

مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش-تەربىيە خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى