جاۋ لېجى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنى خەۋەر قىلىشقا قاتناشقان ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنى يوقلىدى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنى خەۋەر قىلىشقا قاتناشقان مەركەزدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنى يوقلىدى، يىغىن ھەيئەت رىياسىتى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، يىغىننىڭ ئاخبارات تەشۋىقاتىغا قاتناشقان بارلىق ئاخباراتچىلاردىن ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا رەھمەت ئېيتتى. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز تور بىخەتەرلىكى ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى، خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، نۇر گېزىتى، ئىقتىساد گېزىتى، جۇڭگو گېزىتى، جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى، قانۇنچىلىق گېزىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە بىرىنچى سەپتىكى مۇھەررىر، مۇخبىرلار ۋەكىللىرى پائالىيەتكە قاتناشتى.
جاۋ لېجى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، يىغىن كاتىبات باشقارمىسى، ئالاقىدار تارماقلار، ئاساسلىق ئاخبارات ئورۇنلىرى ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق، ئىلھام بېرىش، ئىجابىي تەشۋىقاتنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، توغرىلىرىدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، يىغىننىڭ ئاخبارات تەشۋىقات خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان زور سىياسىي ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.
بىرىنچى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم پائالىيەتلىرى گەۋدىلىك خەۋەر قىلىندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى تەلەپلەر چوڭقۇر تەشۋىق قىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ داھىيلىق سالاپىتى ۋە خەلقچىل ھېسسىياتى تولۇق نامايان قىلىندى. ئىككىنچى، ئىشەنچ ۋە كۈچ يەتكۈزۈلدى. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق دېگەن قاراش زور كۈچ بىلەن ياڭرىتىلدى. ئۈچىنچى، ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك دېموكراتىيە ئەمەلىيىتى نامايان قىلىندى. يىغىننىڭ دېموكراتىك، ئىتتىپاق، ئەمەلىيەتچىل، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قىياپىتى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلدى.
جاۋ لېجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۆپچىلىكنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن ئىبارەت بۇ ئاخبارات «بايلىق»نى داۋاملىق چوڭقۇر قېزىپ ۋە ياخشى پايدىلىنىپ، دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ھېكايىسى، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى ھېكايىسىنى بىرلىكتە ياخشى سۆزلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۇلېي، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۇڭجۇڭ قاتارلىقلار بىرلىكتە يوقلىدى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئەسقەر تۇرسۇن