لى چياڭ ئىسپانىيەنىڭ باش ۋەزىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-04-12 10:49
گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 4-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن ئىسپانىيەنىڭ باش ۋەزىرى سانچېز بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش ۋەزىر ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن پىلان تۈزدى. جۇڭگو ئىسپانىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئوچۇق، ئەمەلىيەتچىل پوزىتسىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سودا، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى داۋاملىق نامايان قىلىپ، سۈنئىي ئەقل، رەقەملىك ئىقتىساد، يېڭى ئېنېرگىيە، پەن ـ تېخنىكا، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
لى چياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئامېرىكا ئاتالمىش «باراۋەر تاموژنا بېجى»نى قوشۇپ ئېلىپ، خەلقئارا ئىقتىساد-سودا تەرتىپىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا غايەت زور سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى. جۇڭگو ئىسپانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، بىرتەرەپچىلىك، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى بىرلىكتە قوغداپ، دۇنيا ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى قوغداپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىق ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ. ئىسپانىيەنىڭ جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
سانچېز مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئىقتىساد ـ سودا، ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. ئىسپانىيە جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئىسپانىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ، ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىختىلاپلارنى سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىپ، ياۋروپا جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ. ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىشى ھەم ئادالەتسىزلىك ھەم ھەققانىيەتسىزلىك، بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆز مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.
سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى بىرلىكتە ئىقتىساد-سودا، پەن-تېخنىكا قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا گۇۋاھ بولدى.
ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئىسپانىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى 2025-يىلىدىن 2028-يىلىغىچە ھەرىكەت پىلانى»نى بىرلىكتە ئېلان قىلدى. ئىككى تەرەپ ئىقتىساد ـ سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئەركىن سودا ۋە ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىنى ئورتاق قوللاپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداشقا بىردەك قوشۇلدى.
ۋۇ جېڭلوڭ يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى