خەن جېڭ 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى، «جۇڭگودىن سېتىۋېلىش» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى
دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 4-ئاينىڭ 13-كۈنى خەينەننىڭ خەيكۇدا 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى، «جۇڭگودىن سېتىۋېلىش» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خەن جېڭ ئالاقىدار دۆلەت رەھبەرلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن بىرلىكتە باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. سائەت 10 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، خەن جېڭ 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى، «جۇڭگودىن سېتىۋېلىش» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.
پائالىيەتنىڭ ساھىبخان دۆلەت ۋەكىلى، ئەنگلىيە سودا مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى دوگلاس ئالېكساندىر، سىلوۋاكىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى داننىسا ساكوۋا، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىش بېجىرگۈچىسى جاڭ شياڭچېن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تەبرىك سۆزى قىلدى.
جۇڭگو ۋە چەت ئەل ھۆكۈمەت تارماقلىرى، چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىن كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر، سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەر كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە قىسمەن جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر بولۇپ تەخمىنەن 1000 كىشى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
باشلىنىش مۇراسىمى باشلىنىشتىن بۇرۇن، خەن جېڭ خەينەن خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ كۆرگەزمە زالىغا بېرىپ، كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالدىنقى ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ بېيجىڭدا خەلقئارا سودا-سانائەت ساھەسىدىكى ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەندە، جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازا بارغانسېرى چوڭ ئېچىلىدۇ، دەپ تەكىتلىدى. جۇڭگودا 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس بار، بازار بوشلۇقى كەڭ، ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇۋۋىتى كۈچلۈك. ھەر قايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، كەسىپنى گۈللەندۈرۈپ، ئىستېمال كۆرگەزمىسى سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، داڭلىق ماركىنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىپ، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىشىنى قارشى ئالىمىز.
جۇڭگو خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىنى سودا مىنىستىرلىقى بىلەن خەينەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، تۆت نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىستېمال ئېسىل بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك ئىستېمال كۆرگەزمىسىدە «ئېچىۋېتىش پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىلىنىش، گۈزەل تۇرمۇشنى تەڭ يارىتىش» باش تېما قىلىندى، دۇنيادىكى 70 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىكى 1700 دىن ئارتۇق كارخانا، 4100 دىن ئارتۇق داڭلىق ماركا كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت