سەي چى ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ دائىمىي شۇجىسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-04-15 13:03
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى خانويدا ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ دائىمىي شۇجىسى چېن جىنشيۇ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
سەي چى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن باش شۇجى سۇلىن جۇڭگو ـ ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ يۆنىلىش خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيەلىك، ئومۇمىيلىق مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزدى. بۇ قېتىمقى زىيارەت چوقۇم جۇڭگو-ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى كەيپىيات ئېلىپ كېلىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا ئاكتىپ كۈچ قوشىدۇ.
سەي چى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە ئىككى پارتىيە باش شۇجىلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى تۈرمۇ تۈر ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۆلچەملىك يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ پارتىيەلەر ئارىسىدىكى يوللارنىڭ ئالاھىدە رولىنى داۋاملىق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك؛ خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەۋپسىزلىك ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى ئورتاق قوغدىشى؛ كۆپ قاتلاملىق ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشى؛ جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسى يىلى پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ھېسسىيات رىشتىسىنى مۇستەھكەملىشى؛ ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، بىر تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىققا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، ئۈچ چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
چېن جىنشيۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش-ۋىيېتنامنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ئوبيېكتىپ ئېھتىياجى، ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى ۋە بىرىنچى دەرىجىلىك ئالدىن تاللىشى ھېسابلىنىدۇ. ۋىيېتنام جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە، باش شۇجى سۇلىن بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى پارتىيەنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بولغان ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنى ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋىيېتنام-جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى پۇختىلاپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.
ۋاڭ يى سۆھبەتكە قاتناشتى.
تەرجىمان : ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت