ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەن جېڭ 2025-يىللىق خەينەن ئەركىن سودا پورتى دۇنيا كەسىپلەر بويىچە سودىگەر چاقىرىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-04-15 13:04
خەن جېڭ 2025-يىللىق خەينەن ئەركىن سودا پورتى دۇنيا كەسىپلەر بويىچە سودىگەر چاقىرىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى
 2025-يىللىق خەينەن ئەركىن سودا پورتى دۇنيا كەسىپلەر بويىچە سودىگەر چاقىرىش يىغىنى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى خەينەننىڭ خەيكۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. 
خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەينەندە جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلىغان، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرغان، ئۆزى ئىلگىرى سۈرگەن زور دۆلەت ئىستراتېگىيەسى. بۇلتۇر 12-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ مەخسۇس خەينەنگە كېلىپ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلىپ، خەينەن ئەركىن سودا پورتىنى تىرىشىپ جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋردىكى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم دەرۋازىسىغا ئايلاندۇرۇشنى تەكىتلىدى. يەتتە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، خەينەن ھازىر جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى يېڭى ئالدىنقى سېپى، رايون ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدىكى يېڭى مۇنبەت زېمىن، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى يېڭى موتورغا ئايلانماقتا.
خەن جېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەينەن ئەركىن سودا پورتىنىڭ يادرولۇق سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. بۇ يىل خەينەن ئەركىن سودا پورتى يېپىق تاموژنا مەشغۇلاتىنى يولغا قويىدۇ، بۇ جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنى داۋاملىق كەڭ سەھنە ۋە تەرەققىيات بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، خەينەن ئەركىن سودا پورتىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆزنەكلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنى جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ياخشى قاتناشتۇرىدۇ. جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت-سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنى تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ جۇڭگوغا، خەينەن ئەركىن سودا پورتىغا پائال مەبلەغ سېلىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىنى سەمىمىي قارشى ئالىمىز. 
2025-يىلى خەينەن ئەركىن سودا پورتى دۇنيا كەسىپلەر بويىچە سودىگەر چاقىرىش يىغىنىنى خەينەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن سودا مىنىستىرلىقى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، 2025 يىلىدىكى «جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش» يۈرۈشلۈك نۇقتىلىق پائالىيەتلەرنىڭ بىرى. يىغىن «خەينەنگە مەبلەغ سېلىش، دۇنيا بىلەن جىپسىلىشىش»نى باش تېما قىلىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى مەبلەغ سالغۇچىلارغا خەينەن ئەركىن سودا پورتىنىڭ قۇرۇلۇش نەتىجىلىرى، تىجارەت-سودا مۇھىتى ۋە مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىنى نامايان قىلدى، ھۆكۈمەت تارماقلىرى،  دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلار ۋە چەتئەل مەبلىغى كارخانىلىرى ۋە چېگرا ئىچىدىكى چەت ئەل سودىگەرلىرى ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ تەخمىنەن 3000 كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

تەرجىمان : ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەن جېڭ 2025-يىللىق خەينەن ئەركىن سودا پورتى دۇنيا كەسىپلەر بويىچە سودىگەر چاقىرىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

خەن جېڭ 2025-يىللىق خەينەن ئەركىن سودا پورتى دۇنيا كەسىپلەر بويىچە سودىگەر چاقىرىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى