دىڭ شۆشياڭ سەنشىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-06-06 12:46
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ 6-ئاينىڭ 3-ۋە 4-كۈنلىرى سەنشىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى تەشكىللەش كاپالىتى ۋە ئېنېرگىيە ئىسلاھاتى تەرەققىياتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
دىڭ شۆشياڭ ئالدى بىلەن سەنشى ئۆلكىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنى باشقۇرۇش مەركىزى ۋە تەييۈەن شەھىرى جىنيۈەن رايونلۇق تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھان نۇقتىسىغا بېرىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، ئىمتىھان ئىشلىرىنى تەشكىللەشنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىدىكى خىزمەت ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا، ھەممە ئائىلىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تىنچ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشتا، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تاللاشنى باشتىن ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئادىل، ھەققانىي بولۇشتىن ئىبارەت «جان تومۇر»نى ياخشى قوغداش كېرەك. سەنشى ئۆلكىسى 5-تۈركۈمدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغان ئۆلكە، ئىمتىھان ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە ئۇنىۋېرسال كاپالەت خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، ئىمتىھان قەغىزىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىمتىھاندا كۆز بويامچىلىق قىلىش قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم، ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
دىڭ شۆشياڭ سەنشى ئەمەلىي قوللىنىشچان پەن- تېخنىكا شۆيۈەنىگە كېلىپ، پۇقراۋى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەيلى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى داشۆ ياكى خەلق باشقۇرۇشىدىكى داشۆ بولسۇن، ھەممىسى پارتىيە قۇرغان داشۆ. پارتىيە رەھبەرلىكىنى مەكتەپ ئىدارە قىلىش سىستېمىسىغا ئومۇميۈزلۈك سىڭدۈرۈپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسىگە قويۇلغان تەلەپ ۋە ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئېھتىياجلىق تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ياردەم بېرىش-يۆلەش سىياسەت، تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
دىڭ شۆشياڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى سەنشى ئۆلكىلىك ئېلېكتىر شىركىتىگە بېرىپ، ئېنېرگىيە ئىنقىلابى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سەنشى ئۆلكىسى ئېنېرگىيە چوڭ ئۆلكىسى، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى باشلامچىلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيە ئىستېمالى ۋە تەڭشەش-تىزگىنلەش سىياسەت-تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. ياز پەسلىدىكى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، توك تەڭشەش، باشقۇرۇشنى ئىلمىي قانات يايدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى ۋە مۇھىم ئابونتلارنى توك بىلەن تەمىنلەشنىڭ بىخەتەر، مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
دىڭ شۆشياڭ تاۋيۈەندىكى دۆلەت كونتروللىقىدىكى مۇھىت ھاۋاسىنى ئاپتوماتىك كۆزىتىش نۇقتىسىدا ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى، قاتناش تىرانسپورت قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ ۋە تەڭشەپ، مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىش كېرەك. بۇلغىنىشنى ئىلمىي، دەل جايىدا تۈزەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، «تارقاق، قالايمىقان، بۇلغىما چىقىرىدىغان» كارخانىلارنى قانۇن بويىچە تۈزەپ، ھاۋا سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاش كېرەك. ھەقىقىي، توغرا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرى ئارقىلىق سىياسەتنى باھالاش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلەپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا تىرەك بولۇش كېرەك.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى