ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى چياڭ كانادا زۇڭلىسى بىلەن تېلېفونلاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-06-07 10:57
گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ كېلىشىۋالغىنى بويىچە 6-ئاينىڭ 6-كۈنى كانادا زۇڭلىسى كارنېي بىلەن تېلېفونلاشتى.
لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-كانادا مۇناسىۋىتى ئۇزاق مۇددەت جۇڭگونىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلدى. جۇڭگو كانادا بىلەن بىرلىكتە ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەش پوزىتسىيەسى بىلەن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىپ، ساغلام، مۇقىم تەرەققىيات يولىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن كانادانىڭ تەرەققىياتى بىر-بىرىگە تەھدىت ئەمەس، بەلكى پۇرسەت. كانادانىڭ جۇڭگو بىلەن بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا ئوبيېكتىپ، ئاقىلانە مۇئامىلە قىلىپ، بىر-بىرىنى ئارزۇسىغا يەتكۈزۈپ، گۈللىنىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو بىلەن كانادانىڭ ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور. ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشى كېرەك. جۇڭگو كانادا بىلەن كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودىنى ئورتاق قوغداپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ئاتا قىلىشنى خالايدۇ.
كارنېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كانادا كانادا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشنى خالايدۇ، جۇڭگو بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى سۆزلىشىش مېخانىزمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، سودا، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سودا سىستېمىسىنى بىرلىكتە قوغداپ، دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.


تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى چياڭ كانادا زۇڭلىسى بىلەن تېلېفونلاشتى

لى چياڭ كانادا زۇڭلىسى بىلەن تېلېفونلاشتى